دوكتور ئاسپىرانت خاننا بېلگىيەدىكى ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ گۆرۈدىكى ئايالى ۋە بالىلىرىنى كۆرۈپ كەلگەن
2019.10.03
بېلگىيەدىكى ئابلىمىت تۇرسۇن گۆرۈدىكى ئايالى ۋە بالىلىرىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتا
1-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە بېلگىيەدە فىرانسۇزچە چىقىدىغان «ھۆررىيەت» گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلاردا بېلگىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغانلىقى قايتىدىن خەۋەر قىلىندى.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى مۇخبىرلارغا «ئايال ۋە بالىلىرىم ئۆيدە نازارەتكە ئېلىنغان، رۇخسەتسىز ھېچ يەرگە بارالمايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىغا ھازىرغىچە پاسپورت چىقىرىپ بەرمىگەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
2017-يىلى بېلگىيەگە كەلگەن ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى 2018-يىلى قوبۇل قىلىنغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ پاسپورتىنى بېجىرىپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇ ئائىلىسى بىلەن ھازىرغىچە جەم بولالماي كەلمەكتە.
بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىككى نۆۋەت دىپلومات ئەۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىپ كىرگەن ئابلىمىتنىڭ ئايال-بالىلىرىنى سىرتقا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىشى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە «مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە رەھىمسىزلىك» دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئاقلاپ، بېلگىيەنىڭ كىچىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، بۇ بىر ئائىلىنى دەپ خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ ئىش سايلام مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسى بېلگىيەدە بىردىنلا دۆلەتلىك مەسىلىگە ئايلانغان. بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئاقلاپ، بېلگىيەنىڭ كىچىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى دەپ خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىنى ئەلچىخانىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن
ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ پارچىلانغان ئائىلىسىنىڭ قايتىدىن جەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بېريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋانېسسا فرانگىۋېل خانىمدىن ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى كىمنىڭ بەرگەنلىكى، بۇ سەتچىلىكتە كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى سورالغاندا بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەندس: «ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى بېريۇسسېلدىن كەلگەن، يەنى بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەن،» دەپ جاۋاب بەرگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېندس يەنە ئەينى ۋاقىتتا ئەلچىخانا ئۈچۈن بۇنىڭ ئاقىلانە قارار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئادەتتە بېلگىيەنىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلەشكە بولمايدىغانلىقى، پەقەت بېلگىيە چېگراسى ئىچىدىلا پاناھلىق تىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن.
ۋېنىسسا خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۆزىنىڭ قارارىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ ئابلىمىت ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى «جىنايەت گۇماندارى» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىكەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنت ئەزالىرىغا يەنە «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابلىمىتنىڭ ئايالى ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان جىنايەت گۇماندارى ئىكەن،» دېگەن. ئۇ گەرچە زادى نېمە سەۋەبتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدىن بەزى جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ پۈتۈنلەي يالغان، ئەلۋەتتە. بىلگىنىمىزدەك بۇ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تۆھمەت ئۇسۇلى.
ۋېنىسسا يەنە بۇ مەسىلىدە يېقىندا يەنە بىر يېڭىلىق بار دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى: «يېقىندا ‹لا لېبرا›، يەنى بېلگىيەدىكى فىرانسۇزچە ‹ھۆررىيەت› گېزىتى 28-سېنتەبىر ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئەسلىدە ماقالىدە ئېيتىلغان ئۇچۇرلارنى مېنىڭ دوستۇم، دوكتور ئاسپىرانت خاننا بۇردۇف تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئاي ئۈرۈمچىگە بېرىپ، مەخسۇس ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى گەرچە لاگېردا بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا قاتمۇ-قات نازارەت ۋە بېسىملار ئاستىدا ناھايىتى ئېغىر ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋېتىپتۇ. قىزىق يېرى بۇ ماقالە ‹ھۆررىيەت› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ بېلگىيەدىكى ئەلچىسى ‹ھۆررىيەت› گېزىتىگە ئىككى بەتلىك خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ ئابلىمىت ۋە مۇخبىرنىڭ دېگەنلىرىنى يالغانغا چىقارغان ھەمدە مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئابلىمىتنىڭ ئايالىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاقلاپ، ‹مەھەللە كومېتىدىكى كادىرلار يولدىشى تاشلىۋەتكەن بۇ ئائىلىگە نەرسە كېرەك، سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كىرگەن، › دېگەن ئىكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ خىل خەتلەرنى بىر ئەمەس، بەلكى بىر قانچە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەڭلا ئەۋەتكەن ئىكەن.»
خاننا: «بۇ ئائىلىنىڭ بۇ ئەقىۋەتكە قېلىشىغا بېلگىيە ھۆكۈمىتى جاۋابكار»
سېنتەبىردە ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەن ئەنگلىيە نيۇ-كاسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى خاننا بۇردوف خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن قانداق كۆرۈشكەنلىك جەريانىنى ئاڭلاتتى: «مەن ئىلگىرى بىر مەزگىل خىتايدا تۇرغان، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ بىر نەچچە قېتىم بارغان ئىدىم. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ھېكايىسىنى ئاخباراتلاردىن سىرت، ئابلىمىتقا ياردەم قىلىۋاتقان دوستۇم ۋېنىسسادىن ئاڭلىغان ئىدىم. شۇڭا بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىگە بېرىش پۇرسىتىمدە ئاۋۋال ئابلىمىتتىن مەسلىھەت ئالدىم. ئۆيىنىڭ ئورنى، مەھەللە مۇھىتى، كۆزىتىلىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدىم. بۇ نۆۋەت بارغىنىمدا ئۈرۈمچىدىكى تېلېفون تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە توسۇقلىرى بۇلتۇرقىدىن ئازلاپتۇ. قارىماققا كونتروللۇق بىر ئاز بوشىغاندەك تۇرىدۇ. مەن ئابلىمىتنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى بىر كۈن مەخسۇس ئادرېس بويىچە كوچىنى، مەھەللىنى ۋە كىرىش چىقىش ئىشىكلىرىنى ھەمدە پوس ۋە كامېرالارنىڭ ئورۇنلىرىنى كۆزەتتىم. تەييارلىق بىلەن ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا يۈز تونۇش سىستېمىسى ئارقىلىق پەقەتلا ئىچىدىن ئاچقىلى بولىدىغان مەھەللىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىردىم. يەنى بىرىنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ چىقىشى ئەسناسىدا مەنمۇ قورۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدىم. ئابلىمىتنىڭ چۈشەندۈرۈپ قويغىنى بويىچە بىنانىمۇ ئاسانلا تاپتىم، تەلىيىمگە بىنانىڭ قاراۋۇلى ئۇ چاغدا ئارام ۋاقتى بولسا كېرەك، بىر قولىدا تاماكا، يەنە بىر قولىدا تېلېفونىنى تۇتۇپ سۆزلىشىۋېتىپتىكەن، ئۇنىڭ ئانچە دىققەت قىلمىغان پەيتىدە بىناغىمۇ ئوڭۇشلۇق كىرىۋالدىم. بىنانىڭ كودلۇق ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاپ تۇردۇم ۋە ئوخشاشلا بىرىنىڭ چىقىشىدا مەن ئىچىگە كىردىم ۋە بىنانىڭ قەۋەتلىرىگىمۇ ئوڭۇشلۇق چىقتىم. ئاخىرى ئىشىك چەكتىم، ئۆيدە ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بار ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ ئابلىمىتنىڭ دوستى ئىكەنلىكىمنى، ئۇلارنى كۆرگىلى كەلگىنىمنى ئېيتتىم، ئۇلار بەكمۇ ھەيرانلىق بىلەن قارشى ئالدى.»
سوئال: ئابلىمىتنىڭ ئايالى بىلەن قانچە ۋاقىت سۆھبەتلەشتىڭىز، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى نېمە ئىكەن؟
خاننا: گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، ئەمما سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئابلىمىتنىڭ ئايالى ناھايىتى كۆپ يىغلىدى، ئېغىر روھىي بېسىمدا قالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنغان بولۇپ، تۇرۇۋاتقان شەھەردىن چىقىپ كېتەلمەيدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى لاگېردا ئەمەسكەن، ئەھۋالى ياخشىكەن دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ ھېس قىلغىنىم-ئەمەلىيەتتە نەزەربەتكە ئېلىنىش تېخىمۇ زور قورقۇنچ ئىش. چۈنكى داۋاملىق يەنە نېمە بولىدىغىنىنى، قاچان تۇتۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەي داۋاملىق ئەنسىزلىكتە ياشايسىز. ئابلىمىتنىڭ ئايالى مەھەللە كومىتېتى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ماتېرىيال ساقلىغانلىقىغا دائىر قەغەزلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىنىپ، بېسىمغا ئۇچرايدىكەن. ئەمما ئۇ قول قويۇشنى قەتئىي رەت قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇ بۇ خىل قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقىنىغا 3 ئايدىن ئېشىپتۇ. ئۇنىڭ ئەڭ زور ئەندىشىسى بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىكەن. ئابلىمىتنىڭ ئايالى ناھايىتى مېھرىبان ۋە مۇلايىم ئايال ئىكەن، ئۇ يەنە ناھايىتى چىداشلىق ئىكەن. ئۇ بۇ زۇلۇم ۋە جاپالارغا بەرداشلىق بېرىۋېتىپتۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭ بۇ ئېغىر روھىي بېسىمغا يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرىلىشىنى بىلمەيمەن. قاتتىق روھىي بېسىمدا ئۇنىڭ جىسمىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. مەن بارغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
سوئال: خاننا خانىم، بۇ زىيارەتكە تەۋەككۈل قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان نەرسە نېمە؟
خاننا: بىلىمەن، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە قۇربۇم يەتمەيدۇ. ئابلىمىت ئۆيىگە بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا مېنىڭ ئىمكانىيىتىم بولغاندىكىن ئۇلارنى كۆرۈپ، ئابلىمىتنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلاشنى توغرا كۆردۈم.
ئابلىمىتنىڭ ئايالى ماڭا «بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەن بۇ 3 ئايدا نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگىنىمنى باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ،» دەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇلار بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ ئاقىۋەتكە قالغان. بۇنىڭغا بېلگىيە ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە جاۋابكار دەپ قارايمەن. ئۇلار ئەلچىخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھازىرقىدەك ئەھۋالغا يۈزلەندى. بېلگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇشى ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
خاننا: «خىتاينىڭ ئىنكاسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم»
سوئال: ئابلىمىتنىڭ ئايالىنى زىيارەت قىلغىنىڭىز ھەققىدە «ھۆررىيەت» گېزىتى ئېلان قىلغان ماقالىگە خىتاينىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
خاننا: «بار، ‹ھۆررىيەت› گېزىتى باسقان مەزكۇر خەۋەرنى يازغان مۇخبىرىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ئۈرۈمچىدە ئابلىمىتنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشكىنىمنى يالغان دەپتۇ، قىزىق يېرى ئادەتتە ئۇلار چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرىكىتىنى، نەگە بارغىنىنى كۆزىتىپ ۋە سوراپ تۇرىدۇ. ھەتتا كەينىمىزگە ساقچى سېلىپ قويىدۇ. رەسىم ۋىدىيولىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ نۆۋەت ئەكسىچە مېنىڭ ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغىنىمنى ‹يالغان› دەپتۇ. ماڭا ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق، مۇھىمى ئۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلدىم. ئۇلارمۇ بەك خۇشال بولدى.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى 2-ئۆكتەبىر قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خاننا خانىمنىڭ ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدىكى ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.