پىسىخولوگ مۇنىرە خانىم: «ئازابلىنىشتىن قېچىش-ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ئەمەس»
2022.12.29

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە 2017-يىلىدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكى، لاگېرلارغا سولانغانلىقى، تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي ج خ مىنىستېرلىقىنىڭ سابىق مىنىسىتېرى جاۋ كېجى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ 2018-يىلى سۆزلىگەن مەخپىي نۇتۇقىدىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا يوقاپ كەتكەن، لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئارافات ئەركىن، دادىسى ئەركىن تۇرسۇنننىڭ 2018-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا تۇتۇلۇپ بىۋاسىتە تۈرمىگە يوللانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئەينى ۋاقىتتا ئارافات ئەركىن ۋەتەندە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش يولىدا ئىزچىل ئىزدەنگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىز بىلەن ئالاقىلاشقان ئىدى، 2019-يىلى دادىسى ئەركىن تۇرسۇننىڭ ئاز دېگەندە يەتتە يىللىق كېسىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.
ئارافات ئەركىن بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قايتا قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دادىسىنىڭ كىسىلگەنلىكىدىن باشقا خەۋەر ئالالماپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بەش يىلغا يىقىن ۋاقىتتىكى ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ، دادىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى نېمە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن پىسخىكا جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق شەھىدە ئېلىنىڭ دادىسى ئېلىجان مامۇت، 2017-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن دادىسىنىڭ ئىز-دىركىنى ئالالمىغان. شەھىدە ئېلىمۇ بۈگۈن يەنە بىر قېتىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سېغىنىش ۋە دادىسىنى قايتا كۆرۈش ئۈمىدىنىڭ ئۇنى قەيسەر بولۇشقا ئۈندەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دادىسنىڭ بەش يىلدىن بۇيان تېخىچە ئەركىنلىككە چىقالماسلىقى ئۇنى ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركيەدە ياشاۋاتقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى باشلىغان «ئائىلەم قەيەردە» پائالىيىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ماگىستىر ئاسپىرانىت مەمەتتوختى ئاتاۋۇللانىڭ ئىنىلىرى 2017-يىلى، ئانىسى 2018-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئىنىلىرنىڭ ھاياتلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما ھازىرغىچە ئائلىسى بىلەن بىۋستە كۆرۈشۈپ باقمىغان. بۇ بەش يىل جەريانىدىكى ئىزتىراپ، ئۇنى ھايات ۋە مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.
يوقۇرىدا ئېيتلىغاندەك، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمدلىرىنى ئېلىپ چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ۋە ئاتا-ئانا، قېرىداشلىرىدىن ئۇزاق يات ئەللەردە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئائىلسىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالماسلىقى، ئۇلاردا نۇرغۇن پىسىخولوگىيەلىك ۋە روھىي بىسىملارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇنىرە خانىم 2017-يىلى تۈركىيەدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بەزمىئالەم ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە پروگراممىسىدا كىلىنكىلىق پىسخولوگىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان تور ئارقىلىق ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پىسىخولوگىيەلىك مەسلھەت بېرىپ، پىسىخولوگىيەلىك دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلگەن. ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك پىسىخولوگىيەلىك مەسىلە مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ مەسىلىلەرگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇچراۋاتقان، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق پىسىخولوگىيەلىك مەسىلىلەر ھەمدە بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پىسىخولوگ مۇنىرە خانىمنىڭ ئانالىزلىرىنى يوقۇرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.