ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىك سادالىرى 22-دېكابىردىكى نامايىشلاردا بىرلەشتى

0:00 / 0:00

22-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئورتاق تەلپۈنۈشى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرگەن كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئوخشىمىغان جايلاردا، ئوخشىمىغان سائەتلەردە ئورتاق بىر نىدا ۋە ئارزۇ ئۈچۈن ياڭرىدى.

22-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىدە مىڭلىغان نامايىشچى ياشلار ئۇيغۇرلارنى قوللاش، ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ كۈنى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىدە «بۈگۈنكى شىنجاڭ، ئەتىكى خوڭكوڭ» دىن ئىبارەت بىر تېما ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ۋە كۆك بايراقنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن نىقابلارنى كىيىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادە قىلغان.

«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە قارىغاندا، نامايىشتا ياشلار بىردەك «بىز بىزگە ئوخشاش مەقسەتتە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىدىن نارازى بولۇۋاتقانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دەپ شوئار توۋلىغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» غا سۆز قىلغان بىر خوڭكوڭلۇق ياش ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىدىكى سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن بۈگۈن بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن كەلدىم. چۈنكى ئۇلار خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن بۈگۈن ئۇلارغا بولغان ھېسداشلىقىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كەلدىم،» دېگەن.

بىراق تىنچلىق ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ نامايىش كەچ سائەت 5:00 لەر ئەتراپىدا ساقچىلارنىڭ كۆز ياشارتقۇچى بومبا ۋە رېزىنكە ئوق قاتارلىق زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ مۇداخىلە قىلىشىغا ئۇچرىغان. «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار يۇقىرىقىدەك ۋاسىتىلەرنى قوللانغاندىن سىرت، نامايىشچى ياشلارنى تۇتقۇن قىلىشتەك ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا قوشنا ۋىرگىنىيە شتاتى ۋە مارىلاند شتاتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك ئامېرىكالىقلار بولۇپ، 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەلفىدار ئىلتەبىر رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭلۇق ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغاندىن كېيىن ئوخشاش كۈندە ئۇلار ئۈچۈنمۇ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئامېرىكا بايرىقى ۋە خوڭكوڭ بايرىقىنى تەڭ كۆتۈرگەن ھالدا ۋاشىنگتوننىڭ 12-كوچىسىدىن يولغا چىقىپ، «ئاساسىي قانۇن كوچىسى» نى بويلاپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار مەزكۇر نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەشتىن باشقا يەنە چەتئەللەردىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا بۇ زۇلۇمغا شېرىك بولۇۋاتقان «دۇنيا بانكىسى» قاتارلىق ئورگانلارنىمۇ تەنقىد قىلغان.

نامايىشچىلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە كەينىگە قايتقان بولۇپ، يول بويى كىشىلەر نامايىشچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، تۈرلۈك ئىپادىلەر بىلەن ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە خوڭكوڭدا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى بۇ بىرلەشكەن ئاۋازلار خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نەپرەت قىلىدىغان ۋە بۆلگۈنچىلىك سىمۋولى دەپ قارايدىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلىشى دىققەت نۇقتىسى بولدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى، «ئەل-جەزىرە» قانىلى، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى ۋە «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا بۇ نۇقتا بىردەك تىلغا ئېلىندى. يۇقىرىقى خەۋەرلەردە خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ، تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشتا ساقچىلارنىڭ زوراۋان ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە تىۋىتتېرغا: «خوڭكوڭلۇقلار بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دىنى ئېتىقادى سەۋەبىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلارچە ئۇيغۇرغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نامايىش قىلدى. بىراق ئۇلار ساقچىلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقىغا ئۇچرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇش يولىدا ۋاسىتە تاللىمايۋاتىدۇ.» دەپ يېزىش ئارقىلىق قوللىشىنى ئىپادىلىدى.