ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاراتقۇ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.08.30
ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاراتقۇ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئۆتكۈزۈلدى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى تور ئارقىلىق ئېچىلغان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاراتقۇ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» دا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 28-ئاۋغۇست.
Photo: RFA

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتە ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

28- ۋە 29-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاراتقۇ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلدى. مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسى تور ۋاستىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈركىيەدىن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش قاتناشقان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم تور ئارقىلىق ئېچىلغان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاراتقۇ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» دا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 28-ئاۋغۇست.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم تور ئارقىلىق ئېچىلغان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاراتقۇ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» دا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 28-ئاۋغۇست.

مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچى مۇستاپا ئاقسۇ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دېرىكتورى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىقلار قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن ئەلىس ئاندىرسۇن (نازاكەت) خانىم ۋە زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى ۋە كۈرەش يوللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ۋە تەشۋىقات تىخنىكالىرى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر كۇرسقا قاتناشقان  ياش تۈرك پائالىيەتچىلىرىدىن كۈبرا ئۆزتۈرك ۋە فاتمانۇر شىرىن قاتارلىقلار ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئاخباراتچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تېخنىكالىق تەپسىلاتلىرى توغرىسىدا لېكسىيە بەرگەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ياراملىق ۋە قابىلىيەتلىك ياشلارنى بايقاپ، قەرەللىك ھالدا سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرەش يوللىرى جەھەتتىن تەربىيەلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە، كېلەر قېتىم شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە لوبىچىلىق، تەشكىلاتچىلىق، تەشۋىقاتتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە مىللىي مۇستەقىللىق يوللىرىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر كۇرسىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇقادىر ئابلىكىم ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، بۇ خىل كۇرسلاردىن كۆپ نەرسە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ خىل كۇرسلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا ئاخباراتنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقاتلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر، ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ خىل كەسپىي بىلىملەر بويىچە تەربىيەلىنىشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.