يەھۇدىيلار پاسخا بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-04-02
Share
يەھۇدىيلار پاسخا بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدى نۇري تۈركەل ئەپەندىم پاسخا بايرىمىنىڭ ئەركىنلىك مۇراسىمى كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2021-يىلى 2-ئاپرېل.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بىر ھەپتىلىك پاسخا بايرىمىنى ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت تارتىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇردى. بۇ بايرامنىڭ تۆتىنچى كۈنى، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن چىقىپ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ھېكايە قىلىنىدىغان ئەركىنلىك مۇراسىمى كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار ۋە ئۇيغۇرلار تور ئارقىلىق جەم بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتتە «مەن قاچان باشقىلارمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشكەندە ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئەركىنلىككە چىقالايمەن» دېگەن ئورتاق شوئار ئالغا سۈرۈلدى.

تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن تونۇلغان زاتلىرى، راببىيلىرى، يەھۇدىي پائالىيەتچىلىرى ۋە يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان شاھىتلار قاتناشتى. ئۇلار ئىچىدە كانادانىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئادۋوكات ئىرۋىن كوتلېر، راببى داۋىد ساپېرشتېين، مارك خېتفىلىد، قاتارلىقلار، ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كارل گېرشمان قاتارلىقلار بار. بۇندىن سىرت يەنە، پائالىيەتتە ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى نۇرىي تۈركەل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات قاتارلىقلار قاتناشتى.

پائالىيەتتە، شام يېقىش، سۇ تۆكۈش، قەدەھ كۆتۈرۈش قاتارلىق پاسخا بايرىمىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى.

نۇرىي تۈركەل «بىز بۇ شاملارنى ياندۇرغاندا قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ تۇرۇپ، بىزنىڭ ئىنسانلىقتىن ئىبارەت ئورتاقلىقىمىزنى ۋە ھەربىرىمىزنىڭ ئىچىدە بار بولغان ئىلاھىي ئۇچقۇننى تونۇپ يېتىمىز، مانا بۇ بىزنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئادالەت ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى.

ئەنگلىيە بېرمىڭخام سىناگوگىنىڭ راببىسى دوكتور مارگارېت جاكوبى «ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئۇچرىغان زۇلۇملار ئاشكارىلانمىدى. ھازىر، ئاخىرى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى سۇ يۈزىگە چىقتى. بىز ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ يەتتۇق. ئەمدى بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز» دېدى.

ئارقىدىن، ئەنگلىيە ماسورتى يەھۇدىي دىنىنىڭ پېشقەدەم ئۇستازى راببى جوناتان ۋىتېنبېرگ سۆز قىلدى. ئۇ «بىز يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مىسىردىكى ئىبرانىي خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ۋە زۇلۇملىرىنى ئەسلەپلا قالماستىن، بەلكى مۇشۇ پەيتتە بۇ ئازاب بىزگە يۈز بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا بۇيرۇلدۇق. بۈگۈن بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇللۇقى ۋە ئۈمىدسىزلىكىگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرماقتىمىز. ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمۇ بىزنىڭ. ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتسا بىز قاراپ تۇرالمايمىز، بىز سوئال سورىشىمىز كېرەك. بىز بارلىق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، بالىلىرىمىزنىڭ ۋە ئاتا-ئانىمىزنىڭ، ياش ۋە قېرى، ھەر خىل دىندىكى خەلقلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج، ئۇيغۇر خەلقىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىمىز كېرەك».

9 ئايلىق بوۋاق ۋاقتىدا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان، ئامېرىكىدا ياشايدىغان دوكتور ئالفرېد مۇنزېرمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئۇ «بۇ يىلقى ھەرىكىتىمىز ئۈمىدىمىزنى ساقلاپ قالسۇن ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى ئەركىنلىككە يېقىنلاشتۇرسۇن. بىز ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغانلارنىڭ ۋە دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن غەلىبە قىلىدىغان شانلىق كۈن ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز» دېدى.

بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوت يۈرەك شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان ئۇيغۇر» ناملىق شېئىرى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە تىللىرىدا ئوقۇلدى، ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ يېزىلغان ناخشىلار ئوقۇلدى.

بىر سائەت بويىچە داۋام قىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش، ھەرىكەت قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ھۆرلۈككە چىقىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى، غۇرۇرى بىلەن ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش چاقىرىقلىرى قىلىندى.

بىز بۇ پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن يازغۇچى، پىسخولوگ دوكتور لىخاما لىز لېۋىنسوننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆزىدە يەھۇدىيلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ سىموۋلى بولغان ئەركىنلىك مۇراسىمى كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ مەقسىتى زۇلۇمدىن قۇتۇلغاندا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ھەربىر ئىنساننىڭ مەيلى ئۇ قانداق دىن، قانداق مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھۆر ئىرادىسى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسلەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز مىڭلارچە يىللار ئىلگىرى مىسىردا پەقەت پەرقلىق دىنىمىز، پەرقلىق ئۆرپ – ئادىتىمىز، كىيىم – كېچىكىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە، ئۆچمەنلىك قىلىشىغا ۋە قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ مۇراسىم ئارقىلىق بەرمەكچى بولغان ساۋاق بولسا، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ پەرقلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز، پەرقلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشنى، بىر – بىرىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ھەربىر كىشىنىڭ غۇرۇر بىلەن، ئىرادىسى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بار»

لىخاما خانىم يەنە سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەرۋاقىت ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆزلىرىنى قوللايدىغان نۇرغۇن ئادەملەر بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۆل بۆلىدىغان ۋە قولىمىزدىن كەلگەن ھەرقانداق ئاماللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشقا تەييار ئادەملەر بارلىقىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرىڭلار زۇلۇمغا ئۇچراشنىڭ قانچىلىك ئازابلىقىنى بىلىدۇ، بىز ھەرۋاقىت سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا»

دەرۋەقە يۇقىرىدىكى بۇ ئەركىنلىك زىياپىتى پائالىيىتىدىمۇ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى رېنې كاسسىن يەھۇدىي تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مىيا خاسېنسون-گروس پائالىيەتنىڭ خاتىمە سۆزىدە «بۇ پەقەت قايغۇ-ھەسرەتنى خاتىرىلەش ئەمەس بەلكى دوستلۇقنى تەبرىكلەش ۋە شۇنداقلا يەھۇدىي-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئەنئەنىسىنى، دىنىنى، ھەتتا يېمەك-ئىچمەكلەرنى يەنى ئۇلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تەبرىكلەشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ۋە بۇ دوستلۇق ئارقىلىق تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ «كېلەر يىلى ھەممىمىزنى ئۆز ئۆيلىرىمىزدە، يۇرتلىرىمىزدا ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاشقا نېسىپ قىلسۇن» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت