ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەت تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزى بولغان بروكىڭ ئىنستىتۇتىدا 16-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭغا نەزەر: ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار باش نىشان بولۇۋاتقان سىياسىي ھەركەت توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق ئوچۇق مۇزاكىرە، دېيىش مۇمكىن.

مەزكۇر مەركەزنىڭ رەئىسى جون ئەللېننىڭ سۆزلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇ نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھاكىممۇتلەقلىق بارغانسېرى روشەن تۈس ئېلىۋاتقاندا خەلقئارا پىكىر دۇنياسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللاش ياكى ئۇنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدا ئىككىگە بۆلۈنگەنلىكىنى ئەسلىتىش بىلەن باشلىدى. شۇنداقلا يېقىندا ئاشكارا بولغان ھەمدە لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۆت يۈز نەچچە بەتلىك مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن خىتايدىكى لاگېرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنىڭ دۇنياغا ئايدىڭ بولغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشقە دەۋەت قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىڭ رىياسەتچىسى، برۇكىڭ ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى چەتئەل سىياسىتى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى رايان خاس ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىرەر قۇر ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان تارىخشۇناس جېيمىس مىلۋاردقا سوئال قويۇپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن خىتايدىكى چىڭ سۇلالىسى ئىدارە قىلغان مەزگىللەر (1884-1912) نى قانداق باغلاش مۇمكىنلىكىنى سورىدى.

جىم مىلۋارد بۇنىڭغا قارىتا سۆز قىلىپ، بۇنىڭدا زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما كونتروللۇقتىن ئىبارەت مەركىزىي ئىدىيەنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. «شىنجاڭ ئەمىلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسمى. چىڭ سۇلالىسى بۇ رايوننى دەسلەپكى قەدەمدە بويسۇندۇرغان مەزگىللەردە خۇددىي موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر ۋە دىنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يول قويدى. جۈملىدىن يەرلىك مەدەنىيەت ئۆز ئەينى ساقلاپ قېلىندى. ئۇنداق بولمىغاندا چىڭ ئىمپېرىيىسى بۇنچە كەڭ رايوننى كونترول قىلىپ كېتەلمەيتتى. ئەمما بۇ ھال 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى تارىختا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ئالدى بىلەن تاشقى موڭغۇلىيە ۋە تىبەت خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتتى. ئارقىدىنلا شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا مۇستەقىل بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئەمما يالتا يىغىنىدىن كېيىن بۇ رايوننىڭ ئاخىرقى تەقدىرى پىچىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭدا ئاپتونومىيە جاكارلاندى، ئەمما بۇ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا بولدى. بۇ خىلدىكى مەلۇم مىللەتنى ئېتىراپ قىلغان مىللىي چۈشەنچە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىگە ئوخشاش چوڭ مىللەت شوۋىنىزىمىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. بۇ ھال تەرەققى قىلىپ دۇنيا مىقياسىدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە خىتايغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەندە پويېز ئىستانسىسىدا بومبا پارتلاش ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلۈشى خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەدبىرلىرىنىڭ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان، شىنجاڭ تارىخىدا زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر پۈتۈن مىللەتنى نىشان قىلىشتەك باستۇرۇش ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ يۇقۇرى پەن-تېخنىكا بۇنىڭغا ھەمدەم بولۇۋاتىدۇ.»

سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، مىسسۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېنا چېستنات بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەدبىرلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۇنىڭ ھازىر «ئالدىنى ئېلىش» مودېلى شەكلىدە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆزلەپ كېلىپ خىتاينىڭ «تاشقى دۇنيادىكى ھادىسىلەر ئىچكى قىسىمدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقىچە يوللارغا رىغبەتلەندۈرىدۇ» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى شەرھىلىدى.

«شى جىنپىڭ ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىچكى بىخەتەرلىكنى ئورنىتىشقا زېھىن قويۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇ جەھەتتە كۆپ ئىشلارنى قىلغان. مەسىلەن قارايدىغان بولساق ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلىرى يۈز بەرگەن جىنايەتلەرنى بىر ياقلىق قىلغان بولسا ھازىر ئۇلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدە چارە كۆرۈۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل ئالدىنى ئېلىش كوللىكتىپ بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە، ئاندىن ئۇ جايدىن سۈرىيەگە بارغانلىقى راست بولسىمۇ ئەمما بۇ ئۇيغۇرلاردىن ھېچكىممۇ خىتاي تەۋەسىگە قايتىپ بىرەر زورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلغىنى يوق. شۇنداق بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلىۋاتىدۇ.»

يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك قوللايدىغان يەنە بىر پىكىر نۆۋەتتە خىتايدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ھەرقاچان كىشىلەرنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە بەكمۇ قىزىقىدىغانلىقى بولدى. بۇنىڭدا دىكتاتورا ھاكىمىيەتنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك قىزىقتۇرىدىغىنى خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭلىدە ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بار-يوقلۇقى، بۇنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنىڭ قانداق سەۋىيىدە ئىكەنلىكى تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن. برۇكىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى كرىس مېسېرول مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل خاھىشنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا باشقىچە شەكىل ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

«شىنجاڭدا ھازىر رەقەملەشكەن نازارەت ئومۇملىشىپ بولدى. دىكتاتورا ھاكىمىيەت بۇنى ھازىرچە مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىرىنچى قەدەم، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ‹مەسىلە› نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىمالى بولغان ئىنسانلارنى كۆزدىن يوقىتىۋەتسىلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ھەل بولغان بولىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ خىل مېخانىزىم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن دۇنياغا كېڭىيىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سەل چاغلىماسلىقىمىز لازىم. يەنە كېلىپ ھازىرقى ئەقلىي تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشى، كومپيۇتېر ۋە تېلېفونلارنى باغلاپ تۇرىدىغان بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، ماشىنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ۋە چىرايىنى تونۇش تېخنىكاسى دېگەن مۇشۇ ئۈچ ئامىل ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنى زور قولايلىق بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. يەنە كېلىپ شىنجاڭدىكى چىراي تونۇش تېخنىكاسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ھەمدە بۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولماقتا. ئەمدى بۇنىڭ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى راۋرۇس ئويلىشىدىغان بىر پەيت يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.»

مۇھاكىمە يىغىنىدا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئەھۋالىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنىڭ ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە كېڭىيىۋاتقانلىقى، ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەركەتلىرىنىڭ 24 سائەتلىك نازارەتتە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ ، نۆۋەتتە لاگېر تېشىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى، دەپ قاراشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

يىغىندىن كېيىن كىشىلەر بەس-بەستە سوئال سورىدى. يىغىن زالىغا پاتماي قالغان ئادەملەر ھەمدە سوئال سوراشقا ئاجرىتىلغان ۋاقىت بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ سوئال سوراشتىن توختىماسلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان قىزىقىشىنىڭ بەكلا يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى.