كورونا ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئۆلىماسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-05-05
Share
zhurnalist-omerjan-rozi.jpg سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان دىنىي ئۆلىما ۋە سابىق ژۇرنالىست ئۆمەرجان روزى ئەپەندى(سولدىن ئۈچىنچى) كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. (سۈرەتنىڭ تارتىلغان ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس).
RFA/Erkin Tarim

بۇنىڭدىن 5 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان پۈتۈن دۇنياغا تېزلا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى جېنىغا زامىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىككىگە يەتتى. ئىككىنچى ئۇيغۇر بولسا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان دىنىي ئۆلىما ۋە سابىق ژۇرنالىست ئۆمەرجان روزى ئەپەندىدۇر.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت شەھىرىدىن 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پاكىستانغا چىققان، ئۇ يەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۆمەرجان روزى 24-ئاپرېل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدىكى مۇستەشفى ئەلدار دوختۇرخانىسىدا ياتقان بولۇپ، 4-ماي كۈنى ئەتىگەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان. ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ياسىنجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇندىن 15 كۈن بۇرۇن قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپ مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا بارسا قان تەكشۈرۈپ كورونا ۋىرۇسى يوقلۇقىنى دېگەنىكەن. ياسىنجان ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

لېكىن، كېيىن قىزىتمىسى چۈشمىگەن ئۆمەرجان روزى ئەپەندى مەدىنە شەھىرىدىكى مۇستەشفى ئەلدار دوختۇرخانىسىدا يېتىپ داۋالانغان. ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ياسىنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلەپ تۇرغان. دوختۇرلار بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىر خىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۈگۈن، يەنى 4-ماي كۈنى ئەتىگەن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياسىنجان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ياسىنجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەرھۇم ئۆمەرجان روزىنىڭ ئايالىمۇ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆمەرجان روزى ئەپەندىنىڭ پەرزەنتى يوق بولۇپ ئۇ، ئەمدىلا 52 ياشقا كىرگەن. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تەقىبىگە ئۇچراپ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ياسىنجان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۆمەرجان روزى قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ دىنىي تەلىم-تەربىيە كۆرگەن. كېيىن خوتەنگە كېلىپ مەتقۇربان داموللا بىلەن ئابلەتخان مەخسۇملاردا دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. 1995-يىلى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى دىندا ئوقۇدۇڭ دەپ ئاۋارە قىلغاندا بورتالاغا قېچىپ بېرىپ بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، پاسپورت ئېلىپ، 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پاكىستانغا چىققان».

ئۇ، پاكىستان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ۋە پۈتتۈرگەندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى راديودا ئىشلىگەن. ياسىنجان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ، 1996-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە پاكىستاندىكى خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئۆمەرجان روزى 2002-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ جايلاشقان. ئۇ، 2007-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى ‹تۈركىستان رادىئوسى‹نىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدە ئىشلىدى. 2014-يىلىدىن كېيىن مەككىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى».

ئۆمەرجان روزى ئەپەندى تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، تۈركىيە ئۆز پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن 27-ئاپرېل كۈنىدىكى ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشكە تەمشەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قىزىتمىسى چۈشمەي قايتىپ كېلەلمىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى بىر دوستىغا ئۇچۇر يوللاپ مۇنداق دېگەن: «27-ئاپرېل كۈنى تۈرك ئايروپىلانى ئۇچىدىكەن، قىزىتمام چۈشسە كېتىۋالسام بولاتتى. بۇ ھالىم بىلەن ئايروپىلانغا ئالمايدىكەن. قىزىتمام 36-37 گرادۇس بولمىسا ئايروپىلانغا چىققىلى قويمايدىكەن. قانداقمۇ قىلارمەن؟ ھازىر 10 كۈن بولاي دەپ قالدى، قىزىتمام چۈشۈپ كېتەر دەپ ئويلىسام 10 كۈندىن بۇيان چۈشمەيۋاتىدۇ».

ئۆمەرجان روزى بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى «تۈركىستان رادىئوسى» دا ئىشلىگەن، ئىستانبۇلدىكى ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىددىن ئەپەندى ئۆمەرجان روزى ئەپەندىنىڭمۇ ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشقان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھازىرغىچە دۇنيادا 184 دۆلەتتە كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 250 مىڭ، كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2 يېرىم مىليونغا يەتكەن. ئۆتكەن ئاي ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان تىجارەتچى غوجا ئابدۇللا ئەپەندى چەتئەلدە كورونا ۋىرۇسىدىن قازا قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت