نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان رەنا خانىم يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىن پېنسىيەگە چىققان قېيناتىسى ھەمدۇللا ئابدۇراھماننىڭ 2019-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قېيناتىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
رەنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە 2016-يىلى پېنسىيەگە چىققان ھەمدۇللا ئابدۇراھمان 1957-يىلى پىچان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (ھازىرقى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ تۈركولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ لۇغەت بۆلۈمىدە 35 يىل ئىشلىگەن ئىكەن. قەدىمكى تۈرك تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولغان ھەمدۇللا ئابدۇراھمان ئۇزۇن يىل تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ لۇغەت بۆلۈمىدە مەسئۇل خادىم بولۇپ ئىشلەپ، 2016-يىلى پېنسىيەگە چىققان ئىكەن.
2019-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى پەرزەنتلىرى دادىسىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ئىكەن.
پەرزەنتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەمدۇللا ئابدۇراھمان يەتتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان، «ياخشىلار باغچىسى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا يول ئاچقان، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» قاتارلىق باشقا كۆپلىگەن لۇغەتلەرنى تۈزۈش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلغان كەسپىي ئاساسى پۇختا تىلچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىل سۆزلۈكلىرىنى توپلىغان، ئۆز ئالدىغا ياپون تىلى ۋە ئەرەب تىلىدىن دەرس بېرىپ ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگەن مۇتەخەسسىس ئىكەن. ھەمدۇللا ئابدۇراھمان يەنە «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە»، «ئۇيغۇرلاردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاتالغۇلىرى»، «خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆزلەر» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىلمىي ماقالىلەرنىڭمۇ ئاپتورى ئىكەن.
بۈگۈن ھەمدۇللا ئابدۇراھماننىڭ نورۋېگىيەدىكى كېلىنى رەنا خانىم ۋە ئوغلى ياشار ھەمدۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى بىلىدىغان قاناللار ئارقىلىق دادىسى ھەمدۇللا ئابدۇراخماننىڭ 2019-يىل 1-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەمدۇللا ئابدۇراھمان 2016-يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن گەرچە نورۋېگىيەدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك قويۇق ئالاقىدە بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2018-يىلى 8-ئايغا قەدەر ئۈندىداردا خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنى يوللاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇتقۇندا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. ئەمما ھەمدۇللا ئابدۇراخمان 2018-يىلى 9-ئايدا ئاخىرقى قېتىم نورۋېگىيەدىكى ئوغلى ياشار ھەمدۇللاغا تۇيۇقسىز ئۇچۇر يوللىغان. ئۇ ئۇچۇرىدا پىچاندىكى دېھقان ئىنىسى ئابدۇللا ئابدۇراھماننىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا «ناماز ئوقۇغان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.
2019-يىل 3-ئايغا كەلگەندىلا ئۇلار دادىسى ھەمدۇللا ئابدۇراھماننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئوغلى ياشار ھەمدۇللا ئۈزلۈكسىز سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق دادىسىنىڭ 2019-يىلى 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.
بىز ھەمدۇللا ئابدۇراھماننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىغا، تىل-يېزىق كومىتېتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى قاراشلىق ئۈرۈمچى باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا ۋە ھەمدۇللا ئابدۇراھمان ئولتۇرۇشلۇق تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى دوستلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق.
تىل-يېزىق كومىتېتى بىلەن باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.
تەڭرىتاغ رايونىنىڭ غالىبىيەت يولى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە غالىبىيەت يولى دوستلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملار بىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىمىزنى ئاڭلاش بىلەنلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
ياشار ھەمدۇللا ۋە رەنا خانىملار يەنە يەنە دادىسى ھەمدۇللا ئابدۇراھماننىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەمدۇللا ئابدۇراخماننىڭ كېلىنى رەنا ۋە ئوغلى ياشار ھەمدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا پۈتكۈل ئىدارە بويىچە بىرقانچە قېتىم سىياسىي سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى ئېچىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر كەسپىي خادىملىرىنى، ھەتتا پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن پېشقەدەملەرنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە ھەمدە ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدا 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا 2018-يىل 1-ئايدىن باشلاپ بىرقانچە قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك سىياسىي سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان. بۇ يىغىنلارغا تىل-يېزىق كومىتېتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە پېنسىيەگە چىققان 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق كەسپىي خادىملىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق قاتناشتۇرۇلغان ئىكەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە تاھىر ھامۇتلارنىڭ تەييارلىشى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان «تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» ناملىق تىزىملىكتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان مەمەتئېلى ئابدۇرېھىم، تاھىر ئابدۇۋېلى، ئالىمجان، نائىلجان تۇرغان قاتارلىق بىرقانچە ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭمۇ ئىسمى ئۇچرايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قاچان، قانداق سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى خەلقئارا تاراتقۇلاردا بولسۇن ياكى رادىيومىزدا بولسۇن ئېنىق پاكىتلار بىلەن دەلىللەنمىدى.
0:00 / 0:00