ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا كىلىماتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىھقانلارنى 600 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتتى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇغداي ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر ئىكەن. بۇ زىرائەتلەر ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ ئاساسلىق تېرىقچىلىق تۈرلىرى ھېسابلىناتتى. لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى زىيانغا ئۇچرىغان دىھقانلارنى قۇتقۇزۇش جەھەتتە قانداق تەدبىر ۋە ياردەم تۈرلىرىنى يولغا قويۇدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان.
بۇ يىل باھار پەسلى كىرگەندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2 قېتىم سوغاق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىھقانچىلىق نازارىتىنىڭ ئەمەلدارى لى جىڭتيەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە سوغاق ھاۋا كىلىماتى 20 كۈنگىچە داۋام قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن نەشپۈت، بادام، شاپتۇل قاتارلىق مىۋە كۆچەتلىرىنىڭ 50 % ى ئۈششۈپ كەتكەن.
لى جىڭتيەن زىيانغا ئۇچرىغان كۆكتاتلىق، كېۋەز ۋە بۇغدايلىقنىڭ بىر مىليون يۈز مىڭ موغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ھازىرغىچە دىھقانلارنىڭ بۇ ئاپەتتىن قانداق ئۆتۈۋېلىشىنى نىشان قىلغان ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيىلەردىكى دىھقانلار ھازىرغىچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن بىرەر ياردەمگە ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى ياكى كۆرسەتمە ئېلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)