جەۋھەر ئىلھام: دادام ئىلھام توختىنىڭ ھايات ۋە سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشكىلات ئىلھام توختىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

2026-يىل 25-ئۆكتەبىر، خىتاي تۈرمىسىدىكى پروفېسسور ئىلھام توختى 57 ياشقا كىردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ دادىسىغا يازغان تۇغۇلغان كۈن خېتىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزىۋېتىلگەن بۇ سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

جەۋھەر خېتىدە، ئۆزىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان دادىسى بىلەن بىللە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئاۋازىنى، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەشكە بولغان قىزغىنلىقىنى، شۇنداقلا كىتاب ۋە بىلىمگە بولغان مۇھەببىتىنى ئېنىق ئەسلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خېتىدە مۇنداق يازدى: ”بۈگۈن مەن پەقەت سىزگە تۇغۇلغان كۈن تەبرىكىنى يەتكۈزۈشنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ سىزنى ئەستە ساقلىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. ئادالەتسىزلىك بىلەن قامالغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋاتقان، سۆيىدىغان، سېغىنىدىغان ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلايدىغان بىر ئائىلە بار.“

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشكىلات ئىلھام توختىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

جەۋھەر ئىلھام كۆپ يىللاردىن بۇيان دادىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. ئۇ خېتىدە، دادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ، دادىسىغا ئارتىلغان ئاتالمىش ”دۆلەتنى پارچىلاش“ جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ئۇنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئېتىقاد ۋە پىرىنسىپلارنىمۇ يوققا چىقىرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جەۋھەر خېتىدە دادىسىغا مۇنداق خىتاپ قىلدى: ”دادا، بىزنىڭ قاچان قايتىدىن بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن. ئەمما بۇ كۈننىڭ كېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن ۋە كۈرەش قىلىمەن.“

جەۋھەر ئىلھام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، دادىسىنىڭ ھايات ۋە سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.