دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابى فرانسىيەدە نەشردىن چىقتى

بۇ كىتابتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى تارىخىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈپكى مەنبەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، جەمئىيەتشۇناس، دوكتۇر دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: بىر خىتاي مۇستەملىكە تۈرىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى» ناملىق كىتابى 15-ئۆكتەبىر فرانسىيەنىڭ “بايقاش” «La Découverte» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى تارىخىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈپكى مەنبەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كىتابنىڭ نەشرىيات چۈشەندۈرىشىدە ئېيتىلىشىچە، ئاپتور كىتابتا خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، نازارەت-كونتروللۇق، مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرى 2016-ۋە 2017-يىللىرىدا توساتتىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسىلەر ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكىچىل ھۆكۈمرانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىتابتىكى بايانلار 18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشىدىن باشلىنىپ، ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە بۇ رايوندا يۈز بەرگەن سىياسىي، نۇپۇس، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتلاملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىنغان.

كىتابتا ئاكادېمىك تەتقىقاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى، تارىخىي ئارخىپلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا، نۆۋەتتىكى زۇلۇملار ئۇزۇن بىر تارىخىي ئېقىم ئىچىگە قويۇپ كۆزىتىلگەن، ھەمدە يىغىۋېلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، تۇغۇتنى تىزگىنلەش، تىلنى يوقىتىش ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

دىلنۇر رەيھان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بۇ كىتابنىڭ ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دېدى: “ئۇيغۇرلارنىڭ (خىتايدىكى) بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس بەلكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق ئىكەنلىكىنى سىياسەتچىلەرگىلا ئەمەس ئاۋام خەلققىمۇ بىلدۈرەلىسەك ۋە بۇنى ئېتىراپ قىلدۇرالىساق، بۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش بولىدۇ. مۇشۇنىڭدىن تارتىپ غەلىبىگە قاراپ ماڭغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.”

دىلنۇر رەيھاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەيت قىلىشىچە، 20-ئۆكتەبىر، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتتە، كىتابتىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر تەھلىللەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئىگىلىنىشىچە، 19-نويابىر دىلنۇر رەيھان پراگادىكى فرانسىيە ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىي پەنلەر تەتقىقات مەركىزىدە بۇ كىتابنى ئىنگلىز تىلىدا تونۇشتۇرىدىكەن.