رۇدىلاشقان تارىم سۈيى ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا تەھدىت بولماقتا
2004.10.13
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ 4 يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ رۇدىلىشىشى يىلدىن - يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ دەريا بويىدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، مەزكۈر مۇھىت تەكشۈرۈش مەركىزى 2001 - يىلدىن بۇيان تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ تەركىۋى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سۇنىڭ رۇدىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلنىڭ، تارىم دەرياسى بويىدا بوز يەر ئېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشى ۋە سۇنىڭ كۆپ تارتىلىپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، دېھقانچىلىقتىن چىققان تۇز تەركىۋى يۇقىرى بولغان كېرەكسىز سۇلارنىڭ كۆپ مىقداردا تارىم ئېقىنلىرىغا بىۋاستە قۇيۇلىشىمۇ، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى بۇلغاۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.
مەزكۈر مەركەز دوكلاتىدا يەنە، سۇنىڭ رۇدىلىشىشى سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشى ھەتتا بەزى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يەرلىك خەلقلەر بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىر بولغان تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلىرىغا قۇرغان زور كۆلەمدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىغا سۇ يەتمەسلىكتەك ئېكولوگىيىلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ئاشتى
- تارىم - شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى شاڭخەينى گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك يەر- مەيدانلىرىنىڭ مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى ( sinopic) تارىم- شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى