غۇلجا ناھىيىسىدىكى كان ھادىسىلىرىدە 5 كىشى قازا قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدە 3 كۈننىڭ ئىچىدە 3 قېتىم كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ 5 كىشى قازا قىلدى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 26‏-نويابىر كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدىكى 2 قېتىملىق كان ۋەقەسىدە 4 كىشى قازا قىلغاندىن كېيىن، 28‏-نويابىر كۈنى مەزكۇر غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونيار يېزىسىدىكى بىر كۆمۈركاندا كان ئۈستى كۆمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نەق مەيداندا ئېغىر يارىلانغان بىر نەپەر ئىشچى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

خەۋەردە بۇ كان ئىشچىلىرىنىڭ مىللىتى ياكى ياش قورامى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەمما ئونيار يېزىسىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ نوپۇسنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ۋەقەگە ئاساسلىقى كان تورۇسىنىڭ ئاجىز بولىشى، كان قېزىش ئۇسۇلىنىڭ قالاق بولۇشى ۋە نەق مەيداننى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ناچار بولۇشى قاتارلىقلار سەۋەب بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە كان ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەتكە ئالاقىدا بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، كۆمۈر كان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ چىقارغان ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1‏-ئايدىن 9‏-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جەمئىي 2676 كىشى قازا قىلىپ، كۈنىگە تەخمىنەن 8.9 كىشى قازا بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. (پەرىدە)