فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە 2 كىشى قازا قىلدى


2006.09.03

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىدىكى جىنلوڭ كۆمۈر كانىدا 1‏-سېنتەبىر كۈنى زەھەرلىك گاز چىقىش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، شۇ سەۋەپتىن كان ئاستىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان 2 كىشى قازا قىلغان ھەمدە ئىشچى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن بولۇپ 8 كىشى زەھەرلەنگەن.

شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى يەرلىك ۋاقىت كەچ سائەت 11:30 لاردا، بۇ كۆمۈر كان قۇدۇقىدا كۆمتۈرۈلۈش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا زەھەرلىك گاز كان ئاستىنى قاپلاپ كەتكەن. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار گەرچە قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن زەھەرلىك گاز مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەپلىك، زەھەرلىنىپ ھۇشىدىن كەتكەن.

قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇدۇق ئاستىغا چۈشكەندە، 2 ئىشچى ئاللىقاچان زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئىكەن. قالغانلىرى بولسا ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەن. ئۇلار ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا.

جىنلوڭ كۆمۈرلۈكى ئەمدىلا يېڭى قۇرۇلغان بىر كۆمۈرلۈك بولۇپ، تېخى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئېلىپ بارمىغان. كان ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بۇ ئىشچىلار بولسا پەقەت قۇدۇق يوللىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.