جاڭ شيۇمىڭ مائارىپ سېپىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالدى
2004.10.24
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى جاڭ شيۇمىڭ، مائارىپ ساھەسى بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈچ خىل كۈچلەر دەپ ئاتالغان مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق كۈرەش مەيدانى دەپ كۆرسەتتى. " مائارىپ سېستىمىسى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشتىكى ئاساسلىق نىشانى" دەپ تەكىتلىگەن جاڭ شيۇمىڭ مۇنداق دەيدۇ : " مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غەرپلەشتۈرۈش، پارچىلاش ۋە جوڭگونى ئاجىزلاشتۇرۇش نىيىتى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمىدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن. " جاڭ شيۇمىڭ بۇ سۆزلەرنى ئالدىنقى كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە مائارىپ ئىدارە باشلىقلىرىنى ۋە پارتىيە سېكرىتارلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەرگەن دوكلاتىدا تەكىتلىگەن.
"مائارىپ سېستىمىسى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئاساسلىق سەھنە " دەپ كۆرسەتكەن جاڭشيۇمىڭ، مائارىپ سېپىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ يەنە مائارىپ سېپىنى بۆلگۈنچىلىككە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى مۇستەھكەم قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا مەكتەپلەردىكى سىياسىي ئىدئىلوگىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كىرەك دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەنبە، يەكشەنبە ۋە ھەپتە ئارىسىدىكى دەرستىن سرتقى ۋاقىتلاردا سىياسى ئۈگىنىشكە ئۇيۇشتۇرماقتا. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ بىر مۇئاۋىن خىتاي باشلىقى ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا مىللى ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشكە قارشى چىققۇچىلار مىللى بۆلگۈنچىلەر سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قۇربان ئەرشىدىن بىڭتۇئەننى قوراللىق كۆرەشكە تەييار تۇرۇشقا چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىقىدىن ئەندىشە تۇيماقتا
- نۇربەكرى ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلدى
- كورلا شەھىرى مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنى كوممۇنىستىك ئاڭدا تەربىيىلەپ چىقتى
- ۋېن جىياباۋ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا زىيارەتتە بولدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 50 كۈنلۈك "قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى باشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى