قاسىمجان قەشقەر كۇلمان يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللاندى

مەزكۇر پروگراممىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تاللانغانلارغا كۇتۇپخانىنىڭ مانخاتتاندىكى مەركىزىدە توققۇز ئايغىچە مەخسۇس ئىشخانا ۋە كېرەكلىك تەتقىقات ئەسلىھەلىرى تەمىنلىنىدۇ ۋە 90 مىڭ دوللار خىراجەت پۇلى بېرىلىدۇ.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان كارخانىچى، چەت ئەل تىلى مائارىپچىسى قاسىمجان قەشقىرى كۇلمان ئالىملار ۋە يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللانغان. بۇ مەركەز نيۇيورك خەلق كۇتۇپخانىسىغا قاراشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ 2026-2027-يىللىق مەزكۇر تەتقىقات پروگراممىسىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلتىماس سۇنغان 800 دىن ئارتۇق كىشى ئىچىدىن قاسىمجان قەشقىرى بىلەن بىرلىكتە 15 كىشى تاللانغان.

مەزكۇر پروگراممىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تاللانغانلارغا كۇتۇپخانىنىڭ مانخاتتاندىكى مەركىزىدە توققۇز ئايغىچە مەخسۇس ئىشخانا ۋە كېرەكلىك تەتقىقات ئەسلىھەلىرى تەمىنلىنىدۇ ۋە 90 مىڭ دوللار خىراجەت پۇلى بېرىلىدۇ.

قاسىمجان شەرقىي تۈركىستاندا «ئاتلان چەت ئەل تىلى مەكتىپى»نى ئېچىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىدا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش مايىللىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان. 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن ئۇنىڭمۇ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. قاسىمجان ئاتلان بىر قانچە يىلدىن بېرى «ياخشى، ئانام بۇ ئىشلارغا شاھىت بولۇشتىن بۇرۇن تۈگەپ كېتىپتىكەن» دېگەن نامدا كىتاب يېزىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يېزىقچىلىق پىلانى مەزكۇر تەتقىقات پروگراممىسىغا لاياقەتلىك كۆرۈلگەن.

قاسىمجان 2018-يىلدىن 2025-يىلغىچە ئامېرىكا ئاۋازىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، ئۆز كەچمىشىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىگەن «بىر ئۇيغۇرنىڭ قورقۇنچتىن ئەركىنلىككە ئالغان سەپىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى نيۇيورك فېستىۋالىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

ئۇ ھازىر يەنە «ئاتلان ئاكادېمىيەسى» تورى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنگلىزچە ئۆگىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە «Uyghur Monitor» ناملىق ئاخبارات تورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

1979-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان قاسىمجان قەشقىرى، 2004-يىلى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە «تەلەپپۇزى ئەڭ ياخشى ماھىر مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ داڭ چىقارغان ئىدى.