ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 1-ماي)

قەشقەردە ئاھالىلەرگە ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن. ئامېرىكىدا پاناھلانغۇچىلارنىڭ «ۋەتىنىگە يورغىلىشى»نى توسىدىغان قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قاسىمجان قەشقەر كۇلمان يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللاندى. خىتاي ۋەكىلى ب د ت يىغىنىدا دولقۇن ئەيسانى تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىدى. لابۇبۇ قورچاقلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا بايقالدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق قوشاقلار توپلىمى نەشر قىلىندى.

قەشقەردە ئاھالىلەرگە ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن

تۈركىيەدىكى قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەردە دائىرىلەر بىر قانچە يىلدىن بېرى ئاھالىلەرگە ئائىلىلىرىدە يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش - جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق - ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. يەنە بىر مۇھاجىرنىڭ دېيىشىچە، قەشقەر قوغاندا ئۆتكەن ھەپتە ساتتار مەمەت ئىسىملىك بىرەيلەن دادىسىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى دوۋيىندا ئورتاقلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 1-ماي) (RFA Uyghur)

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملاردىن بىرى ساتتار مەمەتنى تونۇيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. يەنە بىر ساقچى خادىمى ئۆلۈم-يېتىم ئۇچۇرلىرىنى تارقاتماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

يېقىنقى بىر قانچە ئايلىق دوۋيىن ئۇچۇرلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا، بۇ يىل يانۋاردا تارقالغان بىر ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدىن يۇقىرىقى ئىنكاستىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن تارقىتىلغان مەزكۇر سىنلىق ئۇقتۇرۇشتا، دوۋيىنغا قەبرىستانلىقنى ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ رەسىمىنى چىقىرىشنىڭ خاتا ۋە خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكى تەھدىتلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە، بۇ خىل قىلمىشى سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ھەتتا يەنە بۇ خىل ئۇچۇر تارقاتقانلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان مەخسۇس بىر ھەرىكەتنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ئۆلۈم ئۇچۇرىنى تارقاتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن خاتالىقى ۋە جەمئىيەتكە قانداق زىيىنى بارلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مەسئۇلى، تەتقىقاتچى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى ئۆز كۆزىتىشلىرىگە ۋە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ مۇددىتى ئۇزارغانسېرى سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە لاگېردىن كۆپلەپ جەسەت چىقىۋاتقانلىقى، بۇ ئەھۋالنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر چەكلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۆلۈم خەۋىرىنى جامائەت بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ مۇسىبەت ئىگىسىنىڭ تەسەللىي تېپىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بىلىنىشكە تېگىشلىك زۆرۈر مەلۇمات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى، ئىسلام دىنىدىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار تەلىماتلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئابدۇرىشىت ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ دەسلەپتە بۇ خىل چەكلىمىلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى دىنىي ئامىللارنى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان بولسا، ئەمدىلىكتە پەقەتلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكىدا پاناھلانغۇچىلارنىڭ «ۋەتىنىگە يورغىلىشى»نى توسىدىغان قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «پاناھلانغۇچىلارنىڭ خەۋپسىرەلگەن دۆلەتكە قايتىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» سۇنۇلدى. لايىھەدە سىياسىي پاناھلانغۇچىلاردىن خەۋپسىرەلگەن دۆلەتكە - ئۆزلىرى ئىلگىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان دۆلىتىگە - قايتقانلارنىڭ پاناھلىقىنى قوبۇل قىلماسلىق، قوبۇل قىلىنىپ بولغان بولسا بىكار قىلىنىش؛ پۇقرالىققا ئۆتۈپ بولغان بولسا پۇقرالىقى بىكار قىلىنىش ۋە زۆرۈر تېپىلسا چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىش تەكلىپى سۇنۇلدى.

مەزكۇر لايىھەدە يەنە پاناھلانغۇچىلار ئەگەر خەۋپسىرەلگەن دۆلەتكە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن بولسا ياكى شۇ دۆلەتتە قانۇنىي يوسۇندا ھاكىمىيەت ئالماشقان بولسا، بۇ ئەھۋالنىڭ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

لايىھە مەجلىسنىڭ ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى توم تىففانى (Tom Tiffany) تەرىپىدىن سۇنۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ كۆرۈپ چىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش جەريانلاردىن كېيىن، تەستىقتىن ئۆتسە ئىجراغا قويۇلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىش مەسىلىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەسكىن تالاش-تارتىشلىق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بەزىلەر ۋەتەنگە بېرىشنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى دۇنياغا نورمال ھالەتتە كۆرسىتىش، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەدەزلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەزىلەر بولسا، ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلەن سىرتتىكىلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي باغلىنىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنى بىلىپ تۇرۇشتىن تارتىپ، مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان ئۆسمۈر بالىلارغا ۋەتەن ئېڭىنى سىڭدۈرۈشكىچە پايدىسى بارلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە مەركىزى ئامېرىكىدىكى «ھەممىگە ئادالەت» (Justice For All) تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تارمىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەزكۇر تارماقنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىۋاتقانلار مەسىلىسىدە بۇ خىل زىيارەتلەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىزچىل ھالدا ۋە كەسكىن توندا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر.

قاسىمجان قەشقەر كۇلمان يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللاندى

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان كارخانىچى، چەت ئەل تىلى مائارىپچىسى قاسىمجان قەشقەر كۇلمان ئالىملار ۋە يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللانغان. بۇ مەركەز نيۇيورك خەلق كۇتۇپخانىسىغا قاراشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ 2026-2027-يىللىق مەزكۇر تەتقىقات پروگراممىسىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلتىماس سۇنغان 800 دىن ئارتۇق كىشى ئىچىدىن قاسىمجان قەشقەر بىلەن بىرلىكتە 15 كىشى تاللانغان.

مەزكۇر پروگراممىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تاللانغانلارغا كۇتۇپخانىنىڭ مانخاتتاندىكى مەركىزىدە توققۇز ئايغىچە مەخسۇس ئىشخانا ۋە كېرەكلىك تەتقىقات ئەسلىھەلىرى تەمىنلىنىدۇ ۋە 90 مىڭ دوللار خىراجەت پۇلى بېرىلىدۇ.

قاسىمجان شەرقىي تۈركىستاندا «ئاتلان چەت ئەل تىلى مەكتىپى»نى ئېچىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىدا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش مايىللىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان. 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن ئۇنىڭمۇ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. قاسىمجان ئاتلان بىر قانچە يىلدىن بېرى «ياخشى، ئانام بۇ ئىشلارغا شاھىت بولۇشتىن بۇرۇن تۈگەپ كېتىپتىكەن» دېگەن نامدا كىتاب يېزىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يېزىقچىلىق پىلانى مەزكۇر تەتقىقات پروگراممىسىغا لاياقەتلىك كۆرۈلگەن.

قاسىمجان 2018-يىلدىن 2025-يىلغىچە ئامېرىكا ئاۋازىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، ئۆز كەچمىشىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىگەن «بىر ئۇيغۇرنىڭ قورقۇنچتىن ئەركىنلىككە ئالغان سەپىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم نيۇيورك فېستىۋالىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

ئۇ ھازىر يەنە «ئاتلان ئاكادېمىيەسى» تورى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنگلىزچە ئۆگىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە «Uyghur Monitor» ناملىق ئاخبارات تورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

1979-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان قاسىمجان قەشقەر 2004-يىلى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە «تەلەپپۇزى ئەڭ ياخشى ماھىر مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ داڭ چىقارغان ئىدى.

خىتاي ۋەكىلى ب د ت يىغىنىدا دولقۇن ئەيسانى تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىدى

ئۆتكەن ھەپتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ 26-نۆۋەتلىك يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن سۆز قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئۆز سۆزىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان لاگېرلارغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغۇت چەكلەش ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاش قاتارلىق سىستېمىلىق زۇلۇملارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ، ئۇئادەم ئورگانلىرىنى ئوغرىلاش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە قارار چىقىرىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا ھەقىقىي تۈردە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن، خىتاي ۋەكىلى سۆز ئېلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تېررورچى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرىنىدىغان بۆلگۈنچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئۇنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشنى ھەمدە ئۇنىڭ ب د ت يىغىن زالىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بۇ يىغىنغا مەركىزى گوللاندىيەدىكى يەر شارىۋىي ئىنسان ھەقىلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى(GHRD) نىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە قاتناشقان.

زىيارىتىىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەپەندىم خىتاينىڭ بۇ خىل توسقۇنلۇقلىرى ۋە شىكايەتلىرىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خەلئارا سەھنىلەردىكى ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لابۇبۇ قورچاقلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا بايقالدى

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقا لابۇبۇLabubu قورچاقلىرىدا شەقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇ بايقاش مەزكۇر قورچاقلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي شىركىتى پوپ مارتPop Mart نىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى ئىستىقبالىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى.

بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇھىم رول ئوينىغان. مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن يىلى تۇنجى بولۇپ بىرلابۇبۇ قورچىقىنى تەيۋەندىكى بىر تەجرىبىخانىنىڭ سىناق قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان بولۇپ، سىناق نەتىجىسىدە بۇ قورچاقلار تەركىبىدە چەكلەنگەن پاختا بارلىقى بايقالغان.

لابۇبۇ قورچاقلىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا دۇنياۋى مودىغا ئايلانغان بولۇپ، پوپ مارت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كىرىمى ئۆتكەن بىر يىلدا %700 تىن كۆپرەك ئاشقان. بۇ قورچاقلارنىڭ باھاسى ئادەتتە 20 دوللاردىن 40 دوللارغىچە بولسىمۇ، يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئارىسىدا يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان دوللارغا باھالانماقتا. بۇ قورچاقلار يەنە رىھاننا (Rihanna)، كىم كاردىشيان (Kim Kardashian) ، ناۋومى ئوساكا (Naomi Osaka) قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلارنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» سىناق قىلغان 20 قورچاقنىڭ 16 سىدە ئۇيغۇر رايونىدا يېتىشتۈرۈلگەن پاختا ئىشلىتىلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى. «شىنجاڭ پاختىسى» مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنغان. بۇ بايقاشتىن كېيىن، بىر قىسىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تاموژنا تارماقلىرىنى لابۇبۇ مەھسۇلاتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ قورچاقلارنىڭ زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پوپ مارت شىركىتى بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا بازىرى ئۈچۈن پاختا ئىشلەتمەيدىغان يېڭى پىلانلارنى تۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر ماركا ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلسە، ئۇنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، ئامېرىكا بازىرىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق قوشاقلار توپلىمى نەشر قىلىندى

يېقىندا تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق يېڭى كىتابى نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تىل ئۇسلۇبى ۋە مائارىپ قىممىتى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ دەپ قارالماقتا.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بالىلارغا تىل ئۆگىتىشتە گرامماتىكىدىن بۇرۇن شۇ تىلنىڭ رىتىمىنى ھېس قىلدۇرۇش ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن. شۇڭا، كىتابتىكى 62 پارچە قوشاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئۈچ، بەش ۋە يەتتە بوغۇملۇق كلاسسىك رىتىم ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلما بالىلارنىڭ تەلەپپۇزىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەستە ساقلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق ئىكەن. 120 بەتلىك بۇ كىتابتا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ، «مىڭ ئۆي»، «مەڭگۈ تاش» قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغىچە بولغان كەڭ مەزمۇنلار ئاددىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ باراۋەر پايدىلىنىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، كىتاب ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن لاتىن يېزىقىدا تەييارلانغان. كىتابنىڭ سەنئەت لايىھەسى بالىلار پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان كۆركەم ۋە رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئەسەرنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سۈرەييە قەشقىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى چەكلەنگەن ئەھۋالدا، بۇنداق كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.