ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋاپات بولدى
تونۇلغان شائىر، ئىنقىلابچى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ پىشۋالىرىدىن بىرى ئەخمەت ئىگەمبەردى (نىجادى) 20-ئاپرىل ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە 89 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى 1937-يىلى جىمىسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئۇزۇنراق ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇ 1960-يىللاردا خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى سىياسىي مەيدانى سەۋەبىدىن 12 يىل تۈرمە-لاگېرلاردا ئېغىر قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئۆز ئىرادىسىدىن يانمىغان. 1985-يىلى ئاۋسترالىيەگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغان.
ئۇنىڭ 70 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا كۆپلىگەن شېئىر- داستانلارنى، پۇبلىستىكىلىق ماقالىلارنى ۋە ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخىدا ئالاھىدە تۇتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىگە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قالدۇرغان شانلىق ئىزلىرىغا ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەمگەكلىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى
ئاۋسترالىيەدىكى جامائەت ئەربابى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى. بىر قانچە كۈندىن بېرى مەرھۇمنىڭ دوست ۋە سەپداشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەزىيەنامە ۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مەشھۇر ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ زاماندىشى ۋە قەدىناس دوستى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا «تاڭ ئالدىدىكى ئۆلۈم، تاڭ ئالدىدىكى ھەسرەت» نامىدا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. ئۇ تەزىيەنامىسىدە، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىرلىرىغا ئوخشاش «تاڭ يورۇقى»، «تاڭ سەھەر» تېمىلىرىدا شېئىر يېزىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىققا ۋە ھۆرلۈككە تەشنالىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، مەرھۇم ھاياتى بويى ئارزۇ قىلغان تاڭنىڭ يېقىنلاشقانلىقى، يەنى ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىشىشقا باشلىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئېنىق ئىشارەتلەر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇسىنى بايان قىلدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سابىق تەھرىرى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئىلگىرى مەرھۇمنىڭ كۈرەش بىئوگرافىيەسى ھەققىدە 21 قىسىملىق تارىخ پىروگراممىسى ئىشلىگەن ئىدى. نەبىجان تۇرسۇن مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھاياتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆزەتكەن، تەتقىق قىلغان بىر تارىخچى سۈپىتىدە، مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا «بىر ئەسىرگە تەڭ ھايات، بىر ئەسىرگە تەڭ كۈرەش» دەپ باھا بەردى. ئۇ يەنە مەرھۇمنىڭ كۈرەشچان روھىغا قايىللىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەرھۇم بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ۋە ئىزچىل پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرغان، قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى جەريانىدا كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان مۇھاجىرەتتىكى غوللۇق بىر تەشكىلات سۈپىتىدە تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، مەرھۇمغا «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پېشقەدەم زىيالىيسى، پەخىرلىك ئوغلانى، مەشھۇر شائىر، سىياسىي پائالىيەتچى، ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز» دەپ باھا بەردى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەرھۇمنى مىللىي ئۇستاز دەپ ئاتاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى، مىللىي ھەرىكەتتىكى ئەمەلىي قەدەملىرى، خىتايغا قارشى كۈرەشتە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئىزچىللىقىغا مەدھىيە ئوقۇدى.
مەرھۇمنىڭ 41 يىللىق ھاياتى ئاۋسترالىيەدە ئۆتكەن بولۇپ، ئاۋسترالىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى مەرھۇمنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئىدى. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇيۇشۇشىدا ئۇنىڭ بەلگىلىك ئەجرى سىڭگەن ئىدى.
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەزىيەنامىسىدە مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قارىتا چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بولسا مەرھۇمنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ «زىنداندىن ياڭرىغان ئوتلۇق سادالار»، «ھىجرەت ۋە ھىجران» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئەسلىدى.
سالىھ خۇدايار ۋە مەمتىمىن ئەلا باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مەرھۇمنىڭ بۇ سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇررەئىسى ئىكەنلىكى ۋە ۋەزىپىسىنى 10 يىل ئىجرا قىلغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالدى ۋە ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەزىيەنامىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەرھۇم بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرجىمە-تەھرىر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندا، ئۇلارنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەقدىم قىلغان. يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئارىلىرىدىكى بۇ ھەمكارلىقنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتى ۋە كۈرەش تەجرىبىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەزىيەسىدە، مەرھۇمنىڭ ھارماس، يانماس كۈرەشچان روھىغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە ياش پائالىيەتچىلەرنى مەرھۇمنىڭ كۈرەشچان روھىنى ئۈلگە ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.
ئورالخان ئابېنقىزى: يولدىشىم جىنايەت ئۆتكۈزمىدى، مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلدى
ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا، خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرى سەۋەپلىك سوتلانغان 19 نەپەر قازاق مەھكۇمدىن تۇرسۇنبەك قابىنىڭ ئايالى ئورالخان ئابېنقىزى بۇگۇن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى، پەقەت خىتاينىڭ تەلىپىنىڭ ئەينەن بىجا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە سوت يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان ۋە مەھكۇم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھۆكۈمنامە رەسمىي يازمىچە شەكىلدە بېرىلمىگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە يولدىشى تۇرسۇنبەك قابى، 2017-يىلى ئانا يۇرتى دوربىلجىنگە قايتقان ۋاقتىدا ، يەتتە كۈن قاماقتا ياتقان ۋە بىر يىلچە مىرزا قاماققا يەنى ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ قاماقتىكى مەزگىلدە ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، تاياق زەربىسىدىن ئىككى قۇلىقىنىڭ پەردىسى يىرتىلغان؛ يېتەرلىك داۋالىنىش پۇرسىتى بولمىغاچقا، ئاڭلاش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلەپ نۆۋەتتە قۇلىقىدا تىڭشىغۇچى ئاپىرات قوللانماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قاماقتىكى مەزگىلىدە سېلىنغان نامەلۇم ۋاكسىنا سەۋەپلىك ، يولدىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا بىر قاتار بىنورماللىقلار كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، يولدىشىنىڭ تۇرمىدە سالامەتلىكىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ئورالخان يولدىشىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە قازاق مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئۇنتۇيالمىغانلىقى، شۇڭا قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىشتىن توختىمانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " يولدىشىم جىنايەت ئۆتكۈزمىدى، پەقەت مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلدى."
ئورالخان ئابېنقىزىنىڭ يەنە دېيىشىچە، شۇ كۇنكى نامايىش نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئالىمنۇر تۇرغانباينىڭ دېلوسىغا دىققەت قوزغاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشتا خىتاي بايرىقى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى كۆيدۈرۈلگەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ شۇ قېتىمقى بايراق ۋە رەسىم كۆيدۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن قازاقىستان تەرەپكە نارازىلىق بىلدۇرۇپ ”ئەھۋالنى تېگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش“نى تەلەپ قىلغان. سوتتا بۇ ھەركەت ”مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش“ دەپ ئەيىبلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ زوراۋانلىق قاتارىغا كىرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە بۇ نامايىشنىڭ دۆلەت زوراۋانلىقىغا قارىتا تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، قازاقىستاننى ”خىتاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى“ دەپ تەنقىد قىلغان.
بۇ قېتىم جازالانغانلار نەگىز ئاتاجۇرت پىدائىيلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي تۇرمىسىدىكى ئالىمنۇر تۇرغانباينىڭ ئايالى گۇلدارىيا شەرىزاتمۇ بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ بىر ئائىلىدىن ئىككى كىشى ئىككى دۆلەتنىڭ قاماق جازاسىنى ئۆتىمەكتە.
سېيىت تۈمتۈرك تۈرك يازغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى
مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ۋە مارۇف مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان.
سېيىت تۈمتۈركنىڭ سۆزى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىدە داۋام قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دېگەن تېمىدا داۋام قىلغان.
خىتاينىڭ «قوشماق تۇققان» سىياسىتىدىن «قوش تىللىق مائارىپ»ىغىچە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئېنىقلىمىسىدىن تېررور تەبىرىگىچە ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان سېيىت تۈمتۈرك، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ ئاشكارا ھالدا يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ پاجىئەگە قارىتا ئىنكاسىنىڭ يېتەرسىز، پوزىتسىيەسىنىڭ بىخۇد، تەدبىرنىڭ پاسسىپ بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى 1978-يىلى قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇ تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم مىللىي كىملىككە ئالاقىدار سىياسىي مەسىلىلەرنى تۈركىيە كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ.
يىغىندىكى ئاڭلىغۇچىلار ئاساسەن كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار، سەنەتكارلار، ئاخباراتچىلار، غوللۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان.
ئادىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى: لاگېرلار تۈرمىگە ۋە يوشۇرۇن تەقىپكە ئۆزگەرگەن
16-ئاپرىل، ”تاشقى سىياسەت“ (Foreign Policy) ژۇرنىلىدا تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا ئائىت مۇھىم بىر دوكلاتى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر دوكلات سابىق خىتاي ساقچىسى جاڭ يابونىڭ بىرىنجى قول گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ئاساسلانغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى تەقىبلەش مېخانىزمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلىقى، ئەكسىچە تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە سىستېمىلىق شەكىلگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
گۇۋاھچىنىڭ ئېيتىشىچە، 2023-يىلىنىڭ بېشىدا يەرلىك دائىرىلەرگە «قىسقا مۇددەتلىك تۇتقۇن قىلىش» نورمىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۆيىدە چېنىقىش سايمانلىرى ساقلاش ياكى بايرىق چىقىرىشقا قاتناشماسلىق قاتارلىق ئاددىي سەۋەبلەر بىلەن 15 كۈنلۈك قاماققا ئېلىنىپ، قورقۇتۇش ئوبيېكتى قىلىنغان. جاڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپى كېيىنچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۈرمىگە تاشلانغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ 2020-يىلى لاگېرلارغا ئائىت بارلىق ھۆججەتلەرنى يوقىتىش ھەققىدە مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جىنايەت دەلىللىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. جاڭ يابو ئۆزى شاھىت بولغان قىيناش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جەريانلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
بۇ ئەھۋاللار شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرىغا قويغان «يوشۇرۇن خەتەرلەرگە زەربە بېرىش» چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە قاتتىق بىر باستۇرۇش سىياسىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىپ كىرگەن
16-ئاپرېل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى (CECC) ئۆتكۈزگەن ”قاراڭغۇ تورلار، قانۇنسىز ئەمگەك“ تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سانائىتىدىكى سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئورنى پاش قىلىندى.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ”قانۇنسىز ئوكيان“ (Outlaw Ocean Project) تۈرىنىڭ دىرېكتورى ئىئان ئۇربىنا خىتاينىڭ دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىدىكى بېلىق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر رايونىدىن مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقتىكى شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكىگەن. بۇ زاۋۇتلاردا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئامېرىكىدىكى تاللا بازارلىرى، ھەتتا ھەربىي قىسىملارنىڭ تاماقخانىلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن.
يىغىندا تەكىتلەنگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، خىتاي ئۇيغۇررايونىنىڭ چۆل جايلىرىدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان بېلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ «سىجىل باقمىچىلىق» دېگەن نام بىلەن خەلقئارا بازارغا سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ”ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى“دىن قېچىش ئۈچۈن، ئېكسپورت ماللىرى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك لىنىيەلىرىنى قەغەز يۈزىدە ئايرىۋېتىش تاكتىكىسىنى قوللانغان.
خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسلىرى كرىستوفىر سىمىس (Chris Smith) بىلەن دەن سۇللىۋان (Dan Sullivan) يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات مەنبەسىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ”بېلىقچىلىق قانۇنى“ (FISH Act) قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ قاراڭغۇ تورلارغا زەربە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا ئەسكەرتتى.
بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى يەرشارىۋى دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
