تۈركىيەدىكى قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەردە دائىرىلەر بىر قانچە يىلدىن بېرى ئاھالىلەرگە ئائىلىلىرىدە يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش - جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق - ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. يەنە بىر مۇھاجىرنىڭ دېيىشىچە، قەشقەر قوغاندا ئۆتكەن ھەپتە ساتتار مەمەت ئىسىملىك بىرەيلەن دادىسىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى دوۋيىندا ئورتاقلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملاردىن بىرى ساتتار مەمەتنى تونۇيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. يەنە بىر ساقچى خادىمى ئۆلۈم-يېتىم ئۇچۇرلىرىنى تارقاتماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
يېقىنقى بىر قانچە ئايلىق دوۋيىن ئۇچۇرلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا، بۇ يىل يانۋاردا تارقالغان بىر ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدىن يۇقىرىقى ئىنكاستىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن تارقىتىلغان مەزكۇر سىنلىق ئۇقتۇرۇشتا، دوۋيىنغا قەبرىستانلىقنى ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ رەسىمىنى چىقىرىشنىڭ خاتا ۋە خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكى تەھدىتلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە، بۇ خىل قىلمىشى سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ھەتتا يەنە بۇ خىل ئۇچۇر تارقاتقانلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان مەخسۇس بىر ھەرىكەتنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ئۆلۈم ئۇچۇرىنى تارقاتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن خاتالىقى ۋە جەمئىيەتكە قانداق زىيىنى بارلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مەسئۇلى، تەتقىقاتچى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى ئۆز كۆزىتىشلىرىگە ۋە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ مۇددىتى ئۇزارغانسېرى سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە لاگېردىن كۆپلەپ جەسەت چىقىۋاتقانلىقى، بۇ ئەھۋالنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر چەكلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۆلۈم خەۋىرىنى جامائەت بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ مۇسىبەت ئىگىسىنىڭ تەسەللىي تېپىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بىلىنىشكە تېگىشلىك زۆرۈر مەلۇمات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى، ئىسلام دىنىدىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار تەلىماتلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئابدۇرىشىت ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ دەسلەپتە بۇ خىل چەكلىمىلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى دىنىي ئامىللارنى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان بولسا، ئەمدىلىكتە پەقەتلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
