ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى


2005.09.30

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغ - دۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە ھازىرلىنىۋاتقان بىر چاغدا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ نامايىشقا قاتناشتى. بۇ رابىيە قادىرنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا ئامېرىكا كەلگەندىن بېرى 2 - قېتىم نامايىشقا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ، بۇ ئاينىڭ باشلىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان كۈنى، ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى خىزمەت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزلگەن نامايىشقا يىتەكچىلىك قىلغان ئىدى.

نامايىش ۋاشىنگتون ۋاقتى بىلەن جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 لەردە باشلىنىپ، سائەت 7:00 لەرگىچە داۋام قىلدى. نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش، ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش ۋە سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان شۇئارلار توۋلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.