ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامرات ئۇيغۇر ۋە تىبەت بالىلىرى توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنلا مەكتەپتىن چۈشۈپ قېلىپ ئوقۇشسىز ۋە ساۋاتسىز قالماقتا.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا ساۋاتسىزلىقنى ئازايتىپ، 90% ئاھالىسىنى ساۋاتلىق قىلغان. ئەمما 2004 - يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر جايلاشقان ناھىيىلەرنىڭ ئاران 67 % ئى ساۋاتسىزلىقنى ئاساسەن تۈگەتكەن ياكى توققۇز يىللىق مائارىپنى ئىجرا قىلالىغان. بۇ پۈتۈن دۆلەتنىڭ 93.6% ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا تۇرىدۇ.
مەجبۇرىي مائارىپنى ئىجرا قىلىشتا ئارقىدا قالغان كۆپلىگەن ناھىيىلەر بولسا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، يېزا مائارىپى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەرگە ئاجراتقان مەبلىغى بارغانسىرى ئازلىماقتا.
ب د ت نىڭ مائارىپقا مەسئۇل ئەمەلدارى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ دۆلەت ئومۇمىي دارامىتىنىڭ ئاران 2% ئىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ دۇنيادا مەجبۇرىي مائارىپقا ئەڭ ئاز پۇل ئاجرىتىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)