خىتايدا قۇملىشىش ئېغىرلاشماقتا


2007.10.08

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان قۇمتاغ چۆللۈكىنىڭ شەرققە قاراپ يىلىغا 4 مېتىر كېڭىيىشى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغان جايلاشقان دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، قۇمتاغ چۆللۈكىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكى دۇنخۇاڭ شەھىرىگە 5 كىلو مېتىر كېلىدىكەن.

15 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان خىتاي ئالىملىرى مەزكۇر چۆللۈكتە 14 كۈن سىستېمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئالىملارنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، قۇمتاغ چۆللۈكى پەقەت شەرقى يۆلىنىشكىلا ئەمەس بەلكى ھەر تۆتلا يۆلىنىشكە قاراپ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئەتراپتىكى بوستانلىق، يايلاق، ۋە تەبىئىي قوغدىلىدىغان ئاسارە- ئەتىقىلەرگە تەھدىت سالماقتا ئىكەن.

مەزكۇر تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىخېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدىن باشلانغان 250 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى بۇ قۇملۇق ھازىر ھەر تەرەپكە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 1997- يىلى خىتاي ئومۇمىي يەر مەيداننىڭ 17.6 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان چۆللۈك ھازىر كېڭىيىپ 27.5 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن.

يەرشارى سىياسى ئىنستىتۇتى نەشر قىلغان " ئىلگىرىلەۋاتقان قۇملۇقلار" ناملىق كىتابنىڭ 5- بابىدا تەتقىقاتچى لېستېر براۋن، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبلىك خىتايدا ھەر يىلى 360 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەرنى قۇم بېسىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇملۇقلار كېڭىيىپ تەكلىماكان چۆلى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالى بۇرجىكىگە جايلاشقان قۇمتاغ چۆللۈكى تۇتۇشۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى ئىچكى موڭغۇلدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشقان بولۇپ، ئىچى موڭغۇلنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان باردانجىلىن قۇملۇقى، تەڭرى قۇملۇقىغا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.