6 نەپەر "شىنجاڭلىق" خىتاي فوربېس ژۇرنىلىنىڭ خىتايدىكى بايلار تىزىملىكىگە كىردى
2007.11.04
ھەر يىلى دۇنيادىكى ئەڭ بايلارنى تىزىمغا تۇرغۇزىدىغان فوربېس ژۇرنىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى خىتايدىكى ئەڭ بايلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىكى خىتاي بويىچە ئەڭ باي تۆت يۈز ئادەمنىڭ ئالتە نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىدا بېيىغان خىتايلاردۇر.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ئالتە نەپەر خىتاي باينىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلار شىنجاڭ خەلقئارا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ جاڭ يەنفۇ ۋە جياڭ جېفۇ ئىسىملىك ئىككى ئاكا-ئۇكا خوجايىنى بولۇپ، ئۇلار 400 - ئورۇنغا تىزىلغان.
قالغان تۆت نەپىرىنىڭ بىرى 80- يىللاردا تىجارەتكە كىرىشىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئىزچىل ئېرىشىپ كەلگەن شىنجاڭ گۇئاڭ خۇي ھەسسىدارلىق - مەبلەغ سېلىش شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ لىدېرى سۇن گۇئاڭشىن بولۇپ، ئۇ، خىتايدىكى 400 يۈز باينىڭ ئىچىدە 61-ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 91- ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ ئالتە نەپەر خىتاي باي ئاساسلىقى، يەر-مۈلۈك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ساياھەت، قول تېلېفون، كانچىلىق ۋە سودا -سېتىق قاتارلىق ساھەلەر بويىچە بېيىغان ئىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۇن گۇئاڭشىن 80- ۋە 90- يىللارنىڭ بېشىدا ئەينى ۋاقىتتا فوربېس تىزىملىكىگە كىرگەن رابىيە قادىر خانىم بىلەن رىقابەتلەشكەن خىتاي بېيى ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن خىتاي بېيى سۇن گۇئاڭشىننىڭ تەقدىرى ئىككى خىل بولۇپ، ئامېرىكا ئالىمى جامېس مىللىۋارد ئەپەندى يېقىندا ئېلان قىلغان كىتابىدا رابىيە قادىر بىلەن سۇن گۇئاڭشىننىڭ تەقدىرىنى سېلىشتۇرۇپ، رابىيە قادىرنىڭ ئازغىنا پۇل بىلەن تىجارەت باشلاپ، ئۆز كۈچى ۋە تالانتى بىلەن روناق تاپقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرى خىتاي تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، ئالتە يىل تۈرمە ئازابى تارتىش ھەتتا پەرزەنتلىرىنىڭ تۈرمىگە چۈشۈش تەقدىرىگە دۇچار بولغانلىقى، ئەمما خىتاي بېيى سۇن گۇئاڭشىننىڭ بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېشىل -چىراقلىرى ئاستىدا كۈنسايىن بېيىپ، ئاخىرى خىتاي بويىچە ئەڭ باي ئادەملەر تىزىملىكىگە كىرگەنلىكى، بۇلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر، يەنە بىرىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خەۋەر، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودا-تىجارەت پائالىيەتلىرىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئۇلارغا تۈرلۈك يېشىل چىراقلارنىڭ يېقىلىپ، ھەممە ئىقتىسادىي ساھەلەرنى مونوپول قىلىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلاندى
- ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇغا مۇقىملىق ساقلاش نازارەت قىلىش ئۆمىكى ئەۋەتتى
- خىتاي، 1 - ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا دۇچ كېلىدۇ
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ۋاڭ لېچۇەن "ئامېرىكا باشلىق دۈشمەن كۈچلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقتا"دەپ كۆرسەتتى
- ۋاڭ لېچۇەن "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار" قوشۇنىنى كۈتۈۋالدى