خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 18-فېۋرال كۈنى 2006-يىللىق، تالانت ئىگىلىرىنى ئىشقا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ تالانتلىقلار بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئادەمگە ئېھتىياجى بار 200 نەچچە ئورگان 4000 نەچچە خىزمەت ئورنىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا كۆپلىگەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قوللىرىدا بېلىتى بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن بازارغا كىرىشكە مۇمكىن بولماي قالغان ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تالانتلىقلار بازىرى 2006-يىللىق ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى خىزمەتكە چاقىرىش پائالىيىتىنى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، تالانتلىقلار بازىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا خېلى ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە خىزمەتكە قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئاشكارا ھالدا خىتايلارنى قوبۇل قىلىش، " مىللىيلار"نى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى شۇنىڭدەك خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئالاھىدە ياخشى بولمىغانلارنى قوبۇل قىلماسلىق پرىنسىپى قوللىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، بۇ خىتايلارغا خىزمەت قىلىدىغان بازارغا ئايلىنىپ قالغان، ئىشسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ، ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى يىلدىن -يىلغا كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، ئىجتىمائىي نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. (ئۈمىدۋار)