تەجرىبە ئوتتۇرىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى خەتەرلىك ماددىلارنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈلگەن
2005.04.25
مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا بىرىنچى يىللىقتىكى يۈسۈپ ئابدۇسەمەتنىڭ مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدىكى ئەسۋاپلاردىن پايدىلىنىپ پارتلاتقۇچ بۇيۇمى ياسىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قوراللىق ساقچىلار مەكتەپ قورۇسىنى قورشىۋالغان شۇنداقلا يۈسۈپ ئابدۇسەمەتنىڭ ياتىقىنى ئاختۇرغان. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، يۈسۈپ ئابدۇسەمەتنىڭ پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى ياتىقىدا ساقلىغانلىقى بىلدۈردى. ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەكىتلىشىچە، يۈسۈپ ئابدۇسەمەتنىڭ ھەرىكىتىنى ياتىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار پاش قىلىپ قويغان.
ئەمما تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئابدۇسەمەتنىڭ پارتلاتقۇچ بۇيۇمى ياسىغانلىقىنى شۇنداقلا قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەت قىلدى. ۋەقەگە ساقچىلار ئارلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەكتەپ مۇدىرى تۇردى، مەكتەپ قورۇسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى شۇنداقلا يۈسۈپنىڭ ياتىقى ئاختۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۈسۈپ ئابدۇسەمەت "مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدىكى خەتەرلىك خىمىيىلىك ماددىلارنى ياتىقىدا ساقلىغان." ئۇ، يۈسۈپ ئابدۇسەمەتنىڭ " سولفات كىسلاتىسى" ساقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ۋەقە ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان " سىياسىيلىقى يوق ئادەتتىكى ئىنتىزام مەسىلىسى" ئىكەن. يۈسۈپ ئابدۇسەمەت مارالبېشىلىق ئوقۇغۇچى بولۇپ، تەجرىبە ئوتتۇرىدا يېتىپ - قوپۇپ ئوقۇيتتىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۈسۈپ ئابدۇسەمەت قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مارالبېشىدىكى ئاتا - ئانىسى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئەمما تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوغلىغا خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غۇلجىدا، چاغان ھارپىسىدا 700 دىن ئارتۇق ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر نۇرمەمەت ياسىننى قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلماقتا
- ئۈرۈمچىدە جىنايەت سادىر قىلغان بۇلاڭچى ما خەنچىڭ قولغا ئېلىندى