خىتاي ساقچىلىرى شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى


2007.01.15

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى دائىرىلىرى، ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق لاگىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم جەريانىدا قېچىپ كەتكەن تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە قېچىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ رايوندىكى ھاۋا شەرتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇزاققا كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى رايوندا ھاۋا ناھايىتى سوغاق بولۇپ نۆلدىن تۆۋەن 20، 30 دەرىجىگە يېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار رايوندا ئالدىن تەييارلانغان يەر ئاستى گەمىلەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار تېررورچىلارنى بايقاپ ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ماشىنا بىلەن قوغلىغاندا، تېررورچىلارنىڭ تۇيۇقسىز كۆزدىن غايىب بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئالدىن تەييارلىق قىلىپ يول ئۈستىدە ياسىغان يەر ئاستى گەمىلەرگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گەمىلەرنىڭ ئاغزى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئۇلارنى تېپىش قىيىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 5‏- يانۋار كۈنى پامىر ئىگىزلىكىدە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ بىر لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 18 نەپەر تېررور گۇماندارىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە 17 كىشىنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە بىر قىسىم كىشىلەر قېچىپ كەتكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تىرىك قولغا چۈشكەنلەرنىڭ كىملىكى ھەمدە ۋەقەنىڭ قايسى يەردە، قانداق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، خەلقئارا مەتبۇئاتتا تۈرلۈك سۇئاللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.