ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىش مەقسىتىدە يېقىندا، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە دەرسلىكلەرنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇشنى قارار قىلغان.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە پەقەت ئاز سانلىق مىللەت تىل ئەدەبىياتى كەسپىدىن باشقا بارلىق ئاساسىي ھەم كەسپى دەرسلەر خىتايچە ئۆتىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئەڭ بۇرۇن 2002 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتېتىدىن باشلىغان ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئالىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان بولۇپ، بارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتاي بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش تەلىپىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس خىتاي تىلى كۇرسلىرىدا تەربىيىلىمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ بولۇپمۇ مىللىي ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپچىلارغا زەربە ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار "خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتەلمەيدۇ" دىگەن باھانە بىلەن مائارىپ سېپىدىن ئايرىلماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)