ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتى تەشكىللىگەن مەزكۇر پائالىيەتكە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن چوڭلار، بالىلار بولۇپ 100 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بۇ پائالىيەت بۇ يىلمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن تولدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم جامائەت يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن قىسقا نۇتۇق سۆزلەپ، كۆپچىلىكنىڭ قاتتىق يامغۇرغا قارىماي، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي سەيلە پائالىيىتىگە كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ قانداقتۇر ئاددىي بىر باغچا سەيلىسى ئەمەس بەلكى، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ۋە ئۆزارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغان، كوللېكتىپلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بىر پائالىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىسى بولۇپ، رابىيە قادىر بۇ مەسىلىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.