ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تېلېۋىزور كۆرەلمەيدۇ
2005.03.08
ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليون بەش يۈز مىڭدىن ئارتۇق نامرات يېزا ئاھالىسى ھازىرغا قەدەر تېلېۋىزور كۆرەلمەيدىكەن ھەمدە رادىئو ئاڭلىيالمايدىكەن.
دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رادىئو - تېلېۋىزىيە خىزمەت يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يىل بويى تېلېۋىزور كۆرۈشكە ۋە ياكى رادىئو ئاڭلاشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئاھالىلەر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى نوپۇسىنىڭ %8 ئىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى نامرات يېزىلاردا ياشايدىكەن.
يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يىل قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىكى بىر قىسىم نامرات دېھقانلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى "غەربنى ئېچىش سىياسىتى" نى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنىڭ تېز ئاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق، چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ مەنپەئەتلىنەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئىلگىرى خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ قىسمەن يېزىلىرىدىن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ئەمەس، بەلكى توك ئىشلىتىشكىمۇ قۇربى يەتمىگەنلىكتىن، يەنىلا جىن چىراقلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)