سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن رادىئومىزغا يەتكۈزۈشىچە، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كېچە سائەت 10 دىن كېيىن كوچىلاردا يۈرۈشىنى چەكلىگەن.
ھەمدە ئۈچتىن ئارتۇق كىشىنىڭ توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن، ساقچى ھەم چارلاش خادىملىرى گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتۇشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردىمۇ چارلاش خادىملىرى كۆپەيتىلگەن ھەم گۇمانلىق كىشەرنى تۇتۇش داۋام قىلماقتا ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلاردىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىش ھەرىكىتىنى يەنە قايتا باشلىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغاندىن باشقا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىتىنى تېررورچى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۆزى دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزمەكتە" دېدى.
بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈپ ۋەزىيەتنى جىددىي كونترول قىلىۋاتقانلىقى تىبەتتە يۈز بەرگەن خەلق نارازىلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى" دەپ قارىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغاندىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تىبەتتىكى نامايىش باستۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتە بارلىق ئۇچۇرلارنى قامال قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بۇ ۋەقەلەرگە دائىر پىكىر بايان قىلىشمۇ چەكلەنگەن. (گۈلچېھرە)