خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە، جۇڭگو گومىنداڭ (مىللەتچى پارتىيە) ىنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەننى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن شىئەن شەھىرىدە ئاتا-بوۋىسىنىڭ قەبرىگاھىغا تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن شىنجاڭنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەندە، ئۇنى ۋاڭ لېچۇەن قىزغىن قارشى ئالغان.
ۋاڭ لېچۇەن سۆزىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، ھەرخىل مەدەن، سۇ ئىنشائاتى، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، قاتناش، ئۇچۇر -ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ ھەرخىل شەكىل بىلەن شىنجاڭنى ئېچىشقا قاتنىشىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەرگە يۈزلىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ليەنجەن بولسا، 2005 - يىلىدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ (مىللەتچى پارتىيە) دىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم ھەمكارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندە تېخىمۇ چوڭ ئۈمىد ۋە ئىشەنچ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)