راچىل ھاررىس بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-27
Share
uyghurche-islamning-tawushluq-menzirisi.gif رەيچىل خاررىس يازغان «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
Rachel Harris

2020-يىلى نويابىردا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» دە ئاپتور راچىل ھاررىسنىڭ چەت ۋە خىلۋەت ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ روھىيەت دۇنياسىدىن ھېس قىلغان كۆپلىگەن مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بىۋاستە ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا ئۇ ئاشۇ ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان بىر قىسىم «ئۇيغۇرچە» ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلامىي ھادىسىلەرنى ۋە ئۇنىڭ «تاۋۇشلۇق» ئەكس ئېتىشىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشۇ ئۇيغۇر ئاممىسى ئارىسىدا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان دىنىي مەزمۇنلاردىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەبىي ۋە تېرورچى بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى» دەپ ئىزاھلىشى ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىغان. بۇ توغرىسىدا گەپ بولغاندا راچىل ھاررىس ئۆزىنىڭ بۇ خىل خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«مەن ‹دىنىي مەزمۇندىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىڭ تارقىلىشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىي قىلىۋەتتى ۋە ئۇلارنى تېرورلۇققا رىغبەتلەندۈردى› دەيدىغان قاراشقا زادىلا قوشۇلالمايمەن. چۈنكى بۇ خىل قاراشتا مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەمدە نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن ئون يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاشۇ خىل زورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى بىر ياققا قايرىلىپ قالىدۇ. ئەگەر سىنچىلاپ قارايدىغان بولساق بۇ خىل زورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئالدىن پىلانلانغان تېرورلۇق ھەركەتلىرى ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەتتە يەرلىك خەلقنىڭ ئىشغالىيەت ۋە زورلۇق تەدبىرلىرىگە قارشى بىلدۈرگەن ئىنكاسى ئىدى. شۇڭا بۇ خىل ھادىسىلەر قايتا-قايتا يۈز بەردى، يەنە كېلىپ ساقچىلارنىڭ تىنچ يوسۇندىكى نامايىشلارنى زورلۇق بىلەن باستۇرۇش ھەركىتى جەريانىدا ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا بۇ يالغۇز خىتايدىكى يىگانە ھادىسە ئەمەس. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققانلىكى ھەممىلا ھەركەتنى تېرورلۇق، دەپ ئېلان قىلىدۇ بۇ بولسا ئەمىلىيەتتە زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقنىڭ قارشىلىقىنى ھۆكۈمەتلەر تاشقى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىدىغان بىر تۈرلۈك ئورتاق ئۇسۇل خالاس. بۇ خىلدىكى زۇلۇمغا بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ‹دىنىي يوسۇندا كيىنىش مۇشۇنداق بولىدۇ› دەپ قارىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۇسلۇبىدىكى دىنىي قىياپەتتە كىيىنىشىمۇ ئەمىلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىلىنىشىدۇر. تۈركىيە دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىشنىمۇ مۇشۇ خىل قارشىلىقنىڭ جۈملىسىدىن دېيىش مۇمكىن. دەرۋەقە ھازىر بۇ ئىشلارغا يول قويۇلمايدۇ.»

راچىل ھاررىس يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ دىنىي يىغىلىشلىرىغا كۆپ قېتىملاپ قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرى، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى دېگەنلەر بىلەن تونۇشقاندىن سىرت يېزا ئاياللىرىنىڭ قانچىلىك «جاپاكەش» ئىكەنلىكىنى بىۋاستە كۆرگەن. ئۇلارنىڭ تۈگىمەس ئۆي ئىشى، ئېتىز-ئېرىق ئىشى، ئۆي ۋە ھويلا-ئارامدىن خەۋەر ئېلىش، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشىشتىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغا ئاياللار جامەسى بولۇپ دىنىي يىغىلىشلارغا قاتنىشىش جەريانىدا «ئاياللارنىڭ كۆز يېشى» نىڭ بەكمۇ چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بولۇپمۇ كىتاپتىكى رېئال شەخس بولغان رابىيە ئاچىنىڭ «بەش-ئالتە يىل ئىلگىرى قۇرئان ئايەتلىرىنى لابا (كارناي) دا قوياتتۇق. ھازىر بۇلارنى ئاڭلاش ئەسەبىيلىك، دېيىلىۋاتىدۇ. ھازىر بىر يەرگە يىغىلىشمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ سادام ۋەقەسىدىن كېيىن شۇنداق بولۇپ كەتتى» دېگەنلىرىنىڭ ئەمىلىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ خىلدىكى «قىيىن» بولغان ئاياللار دىنىي يىغىلىشلىرىدا ئۇ بۇ «بۈۋى» ئاياللارنىڭ «خەتمە» لەردە ئۈنلۈك زىكر قىلىدىغانلىرىنىڭ زوراۋانلىققا ئەمەس، بەلكى ئېزگۈلۈككە تەرغىب قىلغۇچى دىنىي پېشىۋالارنىڭ ھېكمەتلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ تاۋۇشلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى يۈرەكلىرىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.

«خۇددى مەن كىتابىمنى يېزىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدىغان بىر مۇھىم ئامىل دەل ئاشۇ يېزا-قىشلاقلاردىكى مەن ئارىلىشىپ باققان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ قانداق مۇھىم روللارغا ئىگە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ جەرياندا مەن ئۇلارنىڭ ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھىكمەتلىرىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار گەرچە بۇ كىشىنىڭ تەزكىرىسى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىنى بەك ئېنىق بىلىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار قىرائەت قىلىدىغان ‹ھىكمەت› لەر ئۇلارنىڭ كۈندىلىك دىنىي پائالىيەتلىرىدە بەكمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار ‹خەتمە› دېگەن نامدا ھەر ھەپتىسى ئۆتكۈزىدىغان دىنىي يىغىلىشلاردا بۇنداق ‹ھىكمەت› لەر زور ئىشتىياق بىلەن قىرائەت قىلىنىدۇ. بۇ ‹ھىكمەت› لەرنىڭ تېكىستىنى يېزىپ چىقىش توغرا كەلسە بۇلارنىڭ ئەمىلىيەتتە خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا نەشر قىلىنغان ‹ھىكمەت› لىرى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بىلىشىمچە، ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھەممىسىلا 1990-يىللىرى ‹بۇلاق› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يەسەۋىي ھىكمەتلىرىدىن خەۋەردار. بۇنىڭغا ھەممىلا ئۇيغۇر زىيالىلىرى قىزىقىپ كەتمىسىمۇ ئەمما بۇ مەزمۇنلار يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ھېساپلىنىدىكەن. ئۇلار ھەرقاچان زېرىكمەستىن مۇشۇ ھىكمەتلەرنى قىرائەت قىلىدۇ.»

ئاپتور بۇ جەرياندا ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغان يەنە بىر ھادىسە «ناخشا-ئ‍ۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باش كۆتۈرىۋاتقان «ناخشا-مۇزىكىدىن چەتنەش» خاھىشى بولغان. بولۇپمۇ 2010-يىللاردىن كېيىن ئۇ مۇنداق بىر قىزىق ھېكايىنى ئاڭلىغان: «ئولتۇرۇش» ۋە «ناخشا-ساز» غا خۇمار ئۈرۈمچىلىك باي سودىگەر ئايالنىڭ «ئايالچە ئۇسلۇبتا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئەرلەر» نى چىللاپ سورۇن تۈزگەنلىكى ھەققىدىكى ۋىديو تارقالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېرى بۇ ئايالنى ئۈچ قېتىم ھەجگە ئەۋەتكەن، ئەمما بۇ ئايال يەنىلا «ناخشا-ساز» دىن قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بىر كېچىدىلا «مايمۇن باشلىق، يىلان تەنلىك» ئاجايىپ مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغان. راچىل ھاررىسنى بۇ ھەقتىكى ھېكايىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا «ئۇسسۇلنى بەك ئوينىۋەتسە ئاشۇنداق بولىدىغان گەپ» دەيدىغان مىسال تەرىقىسىدە قوللىنىلىشى، بۇ ھېكايىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلاردا كەڭ تارقىلىشى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان. ھەتتا بەزىلەر بۇنىڭ «ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇنى ۋىدىيو قىلىپ ئىشلەپ تورلاردا تارقاتقان. بۇنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېيىلغاندىن كېيىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى «بۇ يامان غەرەزلىك ساختا ۋىدىيونى چەتئەلدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەردىن بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلەپ تارقاتقان» دەپ چۈشەنچە بەرگەن. ئەمما ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن «ناخشا-ئۇسسۇلدىن بىزار بولۇشى» دا باشقىچە سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. «خىتاي ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلنار ئابدۇللانىڭ تېلېۋىزوردا «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى ئەيىبلەپ، «ناخشا-ئۇسسۇلنى تەرغىپ قىلىشى» بولسا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغانلىقىغا شاھىد بولغان.

«سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار، مەن ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا، بولۇپمۇ مۇقام ۋە مەشرەبلىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان سەۋدايىلارچە مەستانە بولۇپ يۈرگەن بىر ئىنسانمەن. ئەمما بەزىدە، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى بىرنەچچە يىلدا مەن ئۆزۈمنىڭ بەكلا ‹ئىسلامچى› بولۇپ كەتكەنلىكىمنى، ئۇيغۇر ناخشىلىرى ۋە ئۇسسۇللىرىغا بىراقلا ‹ئۆچ› بولۇپ قالغانلىقىمنى بايقاپ قالدىم. نېمىشقا دېسىڭىز ھازىر ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئاساسەن سىياسىي تەشۋىقاتقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھېلىقى ‹داڭ-دې-جېڭ-سې-يا-كې-شى› (پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ياخشى) دېگەندەك ناخشىلار ھازىر ھەممىلا يەرنى بىر ئالدى. بۇ خىلدىكى ناخشا-ئۇسسۇللارنى كۆرگەندە بەكلا غەزىپىم قاينايدۇ. چىرايىدا تەبەسسۇم ئويناپ تۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرى شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەپ ئۇسسۇلغا چۈشكەندە، ‹شادىمان› مۇزىكانتلار كومپارتىيە شەنىگە ئاتاپ ‹ياڭراق كۈيلەر› نى ئورۇنلىغاندا ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگىرلارغا قامىلىپ بولغانلىقىنى، ئاشۇ ئۇسسۇلچى ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور تور ھاسىل قىلغان ئاشۇ نازارەت دۇنياسىدا قانداق ھايات كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپلا مېڭەمگە ئاغرىق كىرىپ كېتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇر زىيالىسى يالقۇن روزىنىڭ ‹بىز نېمىشقا ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچى مىللەت بولۇپ قالىمىز› دېيىشىنىڭمۇ ئاساسىي يوق ئەمەس. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ناخشا-ئۇسسۇل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلىدىن چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاينىڭ سىياسىتىگە ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر كۆپلىگەن دىندار ئۇيغۇرلار ناخشا-سازغا نىسبەتەن نەپرەت تۇيغۇسىدا بولۇۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «ناخشا-ئۇسسۇل مەستانىلىقى» ئەنە شۇ يوسۇندا پەسكويغا چۈشۈۋاتقاندا ئىجتىمائىى تاراتقۇلار تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بارغانسېرى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۈندىدار ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرى بەكمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەكلىرىدىكى مۇڭلار بولسا «دەرت-ئەلەم» نامىدا بۇ تاراتقۇلاردا كەڭ دولقۇن ھاسىل قىلىپ، دىنىي مەزمۇنلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالدا يېڭىدىن-يېڭى تاۋۇشلار شەكلىدە مەۋج ئۇرغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نى مەركىزى ئىدىيە قىلغان كونتروللۇق تەدبىرلىرى دەسلەپ «قىزىل مەشرەب» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، كېيىنچە «ئىجتىمائى قايتا قۇرۇش» نىڭ ئومۇمىييۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىدا تۈگەللەنگەن. بۇ بولسا ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئەيىبلەۋاتقان «مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش» تەك «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە يول ئاچقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت