قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا ئىككى ئوقۇتقۇچى خىزمەت ئورنىدا ئۇيغۇر تىلدا گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.27
xoten-yepiq-terbiyelesh-orni.jpg خوتەندىكى مەلۇم يېپىق تەربىيەلەش ئورنى.
Social Media

ئۆتكەن ھەپتە مۇھاجىرەتتىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا گۇۋاھلىق خېتى يوللاپ، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىكى تۇغقىنى، يەنى ھازىر قاراقاشنىڭ زاۋا يېزا 2‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان نۇسرەت ئەھەدباقىنىڭ «دۆلەت تىلى»، يەنى خىتاي تىلى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يىلدىن بۇيان لاگېردا يېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ گۇما ۋە قاراقاش ناھىيەلىرىدىكى ساقچىخانىلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا زاۋا 2‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن نۇسرەت ئەھەدباقىدىن باشقا يەنە دىلمۇرات ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ خىتاي تىلى بىلمىگەنلىكى ۋە ئىش ئورنىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ قالغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپتا ئۇيغۇر تىلى چەكلەنگەندىن كېيىن بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىدا دەرس چۈشەندۈرەلمەيۋاتقانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خىتاي تىلىدا ئاڭلاپ چۈشەنمەيۋاتقانلىقى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يات بىر تىلىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولۇشتەك تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرگە خىلاپ بىر تەلەپنى قويۇۋاتقانلىقى، بۇ تەلەپكە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە كەڭ تارقالماقتا.

ئوتكەن ھەپتە رادىيومىزغا كەلگەن بىر گۇۋاھلىق خېتىدە دېيىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا 2 ‏-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇسرەت ئەھەدباقى خىتاي تىلىنى ياخشى بىلمىگەچكە بەزىدە دەرس ۋاقتىدا، بەزىدە خىزمەتداشلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇنى خىزمەت ئورنىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىمەسلىك ھەققىدە بىرنەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم بىر ئوقۇغۇچىسىغا خىتايچە سۆزلەپ چۈشەندۈرەلمىگەن بىر مەسىلىنى خالىي بىر جايدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرگەن. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەكتەپ رەھبەرلىرى ئەھۋالنى قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە 2018 ‏-يىلى 3‏-ئاينىڭ بېشىدا ئۇ لاگېرغا ئەكېتىلگەن.

گۇۋاھلىق خېتىدە نۇسرەت ئەھەدباقىنىڭ نۇر ئېلى ئىسىملىك بىر ساقچى تەرىپىدىن دەرس ئۆتۈۋاتقان سىنىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى يېزىلغان. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ساقچى نۇر ئېلىنىڭ تېلېفون نومۇرىغا ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما قاراقاشتىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى ئىچىدە نۇر ئېلى ئىسىملىك بىر ساقچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئايدىڭلاشتى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى زاۋا يېزا 2 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن خىتاي تىلى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىككى ئوقۇتقۇچى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىدىن بىرىنىڭ ئىسمىنىڭ دىلمۇرات ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن بۇ خادىم ئادەتتە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئەگەر ئانا تىلدا سۆزلەپ قالسا ئاۋۋال مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ تەربىيە بېرىدىغانلىقى ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقى، خاتالىق تەكرارلانسا ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» گە يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

بىز زاۋا يېزا 2 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن خىتاي تىلى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەن يەنە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خوتەننىڭ ج خ قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئىتالىيەدە چىقىدىغان «زىمىستان» تورى ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلىغان بىر خەۋەردىكى مەكتەپ ۋىۋىسكىسىدا «دۆلەتنى سۆيۈش دۆلەت تىلىنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ۋىۋىسكىمۇ خىتايچىنى ياخشى بىلمىگەن ياكى تېز ئۆگىنەلمىگەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنى سۆيۈش-سۆيمەسلىكىدە گۇمان بار دەپ قارىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. ئىزچىل ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم زاۋا يېزىلىق 2‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرىنىڭ نۇسرەت ئەھەدباقى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. رادىيومىزغا كەلگەن گۇۋاھلىق خېتىدە نۇسرەت ئەھەدباقىنىڭ ئەسلىدە گۇما ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكى، قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر ساقچى خادىمى نۇسرەت ئەھەدباقىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ گۇما ناھىيىلىك «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بەزى جايلاردا يالغۇز دۆلەت كادىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس، ھەتتا كەنت ۋە مەھەللە كادىرلىرىغىمۇ خىتاي تىلىدا سۆزلەشنىڭ شەرت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.