دەررىن بايلېر: «مىللەتلەر ئارا تويلىشىش دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببىتى»

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ۋە باشقا ئىجتىمائىي تورلاردا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تويلاشقانلىقى ھەققىدە توي خەۋەرلىرى ھەم شۇنداقلا يەنە خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئۆيلىنىشكە ئوچۇق چاقىرىدىغان تەشۋىقاتلار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى. بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان 2 مىليون ئەتراپىدا كىشى لاگېرلارغا تۇتۇلغان بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئانتروپولۇگ دەررىن بايلېر يېقىندا «SupChina» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «مىللەتلەر ئارا تويلىشىش دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئىزدىنىش نەتىجىلىرىنى ئورتاقلاشقان. ئۇ، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئارىلىشىپ توي قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، 2018-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايان قىلغان.

دەررىن بايلېر ماقالىسىنىڭ بېشىدا ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشايدىغان ۋە ماقالىدە «نۇرزات» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ياشنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەزكۇر ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. مەسىلەن، دەررىن بايلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرزاتنىڭ يۇرتىدا قالغان قىز دوستى تۇيۇقسىز بىر كۈنى نۇرزاتقا ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپ، بىر قانچە ئاي ئىچىدە دەرھال كېلىپ، ئۆزى بىلەن ئۆيلەنمىسە، ئۇنى يەنە ساقلاپ ئولتۇرالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى دەرھال بىر ئۇيغۇر ئوغۇلبالا تېپىپ ئۆيلىنىۋالمىسا، خىتاي ئەرگە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

دەررىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىز يەنە نۇرزاتقا «مېنى توغرا چۈشەنگىن. ھازىر ھەممە ئۇيغۇر قىزلار ئۆيلىنىشكە ئالدىراۋاتىدۇ. ھەممىمىز ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدۇق» دېگەن.

دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۇ تويلىشىشلاردا مەجبۇرلاش ئامىلىنىڭ قانچىلىك رول ئوينىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ چىقىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە تور بەتلەردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان سىياسەت ۋە جەمئىيەت ئامىللىرىنى مەلۇم دەرىجىدە قىدىرىپ چىققان.

دەررىن بايلېر چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ مىللەتلەر ئارا تويلىشىش مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇنى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېزدىن شەكىللىنىۋاتقان يېڭى رېئاللىققا دۇچ كەلگەن 3 قىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرى دەپ كۆرسەتكەن.

دەررىن بايلېرنىڭ مىسال كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر كىچىك يېزىدا ياشايدىغان ۋە ئىسمى «گۈلمىرە» دەپ ئاتالغان بىر قىز بۇ مەسىلە ھەققىدە توختالغاندا نۇرغۇن قىزلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «قوشماق تۇغقان» دەپ يەرلەشتۈرۈلۈپ قويۇلغان «تۇغقانلىرى» بىلەن نىكاھلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. گۈلمىرە يەنە «چوڭلار بۇنى بەك خالىمىسىمۇ، ئۆيلىنىۋاتقانلار خېلى كۆپ. مەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى خالاپ تويلىشىۋاتقانلىقى ياكى بۇنىڭغا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇ ئۆيلەنگەنلەر بىلەن ئانچە يېقىن ئۆتمەيمەن. ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۇلارنى مەجبۇرلىمايدۇ، ئەمما بۇنداق ئەھۋال بەك كۆپىيىپ كەتتى،» دېگەن.

گۈلمىرەنىڭ ئىلگىرىلەپ سورالغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە بېسىم بارلىقىنى نامايان قىلىدىكەن. چۈنكى گۈلمىرە «سىزمۇ خىتاي بىلەن ئۆيلىنىشنى ئويلاۋاتامسىز» دېگەن سوئالغا «مەن ھازىرچە ئويلاشمىدىم. بىر باھانە تېپىپ ۋاقىتنى ئامال بار كەينىگە سوزۇشقا تىرىشىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. دەررىن بايلېرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، گۈلمىرە ئۈچۈن خىتاي ئەر بىلەن تويلىشىش قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئاقىۋەتتەك تۇيۇلىدىكەن. ئۇلار يەنە گۈلمىرەدىن ئۇ يەردە خىتاي «يولداشلار» بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتقان سورۇن بار-يوقلۇقىنى سورىغان. گۈلمىرە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بەك كۆپلۈكىنى، خىزمەت ئورنىدا ھەر جۈمە ئاخشىمى، ئۇيغۇر قىزلارنىڭ خىتاي ئەر خىزمەتداشلار بىلەن تانسا كېچىلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۈلمىرە يەنە «ئۇ ۋە دوستلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم باھانە تېپىپ تانسا كېچىلىكىگە بارمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ باھانىلەر قايىل قىلارلىق بولماي، باشلىقلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويسا ئاقىۋىتىنىڭ قايتا تەربىيىگە بېرىشتىنمۇ يامان بولىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

دەررىن بايلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشتىن ئىبارەت بۇنداق بىر يۈزلىنىشكە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل بولسا توي قىلىش يېشىغا يەتكەن زور نىسبەتتىكى ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ لاگېرلاردا بولۇشى ئىجتىمائىي بىر بوشلۇقنى پەيدا قىلغان ۋە نەتىجىدە ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈستىدە خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشتەك بىر ئىجتىمائىي بېسىمنى پەيدا قىلغان.

ئامېرىكادىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق دوكتورى مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى تويلىشىشنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى ئاساسلىق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى تويلىشىشنىڭ ئېشىشىنى بىرىنچىسى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ۋە ئائىلىلىرىدە بالىلارغا دىنى ساۋات بېرىشنىڭ چەكلىنىشى ۋە نەتىجىدە دىنى ساۋاتنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئىككىنچىسى، خىتاي مائارىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشى، ئۈچىنچىسى، خىتاي دۆلىتىنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئىبارەت 3 مۇھىم ئامىلنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

دەرۋەقە دەررىن بايلېرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋە ماقالىدە «باھار» دەپ تونۇشتۇرۇلغان بىر قىزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىز ياشايدىغان جەنۇبتىكى كىچىك بىر شەھەردە ئۇيغۇر ياش ئەرلەر ئاساسەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر ئەر تېپىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشقا ئايلانغان. «باھار» سۆزىدە يەنە «لاگېرغا تۇتۇلماي سىرتتا قالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر بولسا پايلاقچى، بىر بولسا ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىلىك ساقچى بولۇپ ئىشلەيدىغانلار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، بۇنداقلارنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھازىرقىدەك ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى» ئېيتىپ بەرگەن. بۇ قىز يەنە «بۇ سەۋەبتىن ئەخلاق يوقالدى. ئەرلەر ئاياللىرىنى ئالدايدىغان ئىش بەك ئېغىر. چۈنكى بۇ يەردە 30 دىن ھالقىپ توي قىلمىغان ۋە ئەرلىرىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن قىز-ئاياللار بار، بۇ تولىمۇ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلدى. شۇڭا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى خىتاي يولداشلار بىلەن توي قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.

يەنە بىر قانچە قىزمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا خۇددى يۇقىرىدا باھار تىلغا ئالغاندەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلغان.

دەررىن بايلېرنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ئۆيلىنىشى ھەققىدىكى توي خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بىر ھېكايە يەنى بۇ تويغا شۇ جايدىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ ۋە «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ ياردەم قىلغانلىقىدەك بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنىدىكەن. توي قىلغانلار بولسا شۇ يېزا ياكى كەنت ئۈچۈن «ئۆرنەك» دەپ كۆرسىتىلىدىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ئۆزىنى «بىڭتۇەننىڭ پىدائىي جەڭچىسى» دەپ ئاتىۋالغان بىر خىتاي «ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇش كېرەك» ناملىق بىر ئاتالمىش «نىكاھ قوللانمىسى» تۈزۈپ چىقىپ ئۇنى توردا ئېلان قىلغان بولۇپ، «قوللانما» دا تىلغا ئېلىنغان تۆۋەندىكى نۇقتا دىققەتكە ئەرزىيدىكەن. يەنى ئۇ ئۇيغۇر قىزلارغا ئۆيلەنمەكچى بولغان خىتاي ئەرلىرىگە ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلىك ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەۋسىيە قىلغان، شۇ جايدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن تەقدىردە، توينىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، «دىنى ئاشقۇن» لارنىڭ تويغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دەررىن بايلېر يەنە خىتاي دۆلەتلىك دىنى ئىشلار تور بېتىدە مويۇۋ ئىسىملىك بىر خىتاي ئانتروپولۇگ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان. بۇ خىتاي ئانتروپولۇگ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلەر بىلەن تويلىشىشىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ تەكىتلەپ، ئۇيغۇر-خىتاي ئارىلاش تويلىشىشىنىڭ رايوندا مەڭگۈلۈك مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قاتتىق جازالىنىشى كېرەكلىكىنى يازغان.

دەررىن بايلېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان ئالغان جىنسىيەت سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جىنسىي نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ رادىكاللاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسى، پسىخىكىسى ۋە مىللىي كىملىكىگە بېرىدىغان زەربىسىنىڭ ناھايىتى زور بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئورتاق قارشىلىق بىلدۈرمىگەن تەقدىردە بۇ سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دەررىن بايلېر ئەپەندىمۇ ماقالىسى ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن خىتاي ئەرلىرى ئارىسىدىكى تويلىشىش مەسىلىسىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئامىللار بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ يوشۇرۇن پۇل ياردىمى، ياخشى خىزمەت پۇرسىتى ۋە خىتاي ئەرلىرىنى دۆلەت قوللىشى ئاستىدىكى «جىنس سىياسىتى» گە جەلپ قىلىدىغان مېتودلارنى رايوندا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر ئامىلى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ماقالە ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزلىنىۋاتقان دۆلەتنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى جىنس زوراۋانلىقى مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ كۆپ مۇنازىرىلەرگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماقالىسىنىڭ ئاخىرىنى ياۋروپادا ياشايدىغان «نۇرزات» ۋە ئۇنىڭ يۇرتىدا قالغان قىز دوستىنىڭ ئاخىرقى ۋىدىيولۇق سۆھبىتى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان:

«ئاخىرقى كۆرۈشۈشىدە نۇرزات قىز دوستى ئادىلەگە بىر قانچە ئاي ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئادىلەمۇ ئۆزىنىڭ توي كۆينىكىنى ئېلىپ ئۇنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن نۇرزاتقا بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى ئايان ئىدى. بەلكى ئادىلەگىمۇ ئايان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئاخىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كېلەچىكىگە بېرىپ تاقالغاندا ئادىلە بىر پارچە قەغەزگە ‹ئۇيغۇرلار ئەمدى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ› دېگەن خەتنى يازدى ۋە ئۇ خەتنى كامېراغا توغرىلاپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، خەت يېزىلغان پارچە قەغەزنى ئاغزىغا سېلىپ چايناپ يۇتۇۋەتتى»

دەررىن بايلېرنىڭ ماقالىسى تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تونۇلغان تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ئۆيلىنىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاساس يارىتىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە جەنۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلار ئارىسىدا بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.