ئامېرىكا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بىڭتۇەن» ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.31
trump-muxbir-yighin.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراي ھويلىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 29-ماي، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى»، يەنى «بىڭتۇەن» ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر باشلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن «يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىدى. ئۇلار «بىڭتۇەن» نىڭ سابىق پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى سۈن جىنلوڭ ۋە شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ھازىرقى باش قوماندانى ۋە مۇئاۋىن پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى پېڭ جيارۈيدىن ئىبارەت.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«بۇ ئورۇن ۋە ئەمەلدارلار شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بېكىتىلدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش ھەم باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رول ئوينىغان».

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى سىتىۋېن مىنۇچىن باياناتتا «بىز ئىلگىرى دېگەندەك، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مالىيە ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرۇپ شىنجاڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

دەل قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. ئۇلار بۇنى دانالارچە قارار، دەپ باھالىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكانىڭ يۇقىرىدىكى ھەرىكىتىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ تارىخىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «بىڭتۇەننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ۋاسىتىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھېيتلىق سوۋغا بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «بىڭتۇەن» نى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ «جىنائىي تەشكىلات» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكانىڭ «بىڭتۇەن» ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئەمەلدارىغا قويغان «يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» جازاسى بويىچە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى بارلىق ئورۇنلاردا بولغان بارلىق مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئورۇن ۋە كىشىلەر بىلەن ھەرقانداق سودا ئالاقىسى قىلىش، مال تەمىنلەش چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تىۋىتتېردا بۇ قارارنى جاكارلاپ: «بۈگۈن ئامېرىكا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئەمەلدارىنى شىنجاڭدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ جازالىدى. بىز پۈتۈن دۇنيانى بىز بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز»، دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى يەنى 9-ئىيۇل كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خو ليۇجۈن قاتارلىق 4 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا رولى بار، دەپ بېكىتىپ «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.