خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئېتىقادتا ئەركىن» ناملىق تەشۋىقاتى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 18-ماي كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرى ۋە مۇخبىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن «تەكشۈرۈش ئۆمىكى» نىڭ 2021-يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

مەزكۇر خەۋەردىكى سىن كۆرۈنۈشىدە ئاتالمىش «تەكشۈرۈش ئۆمىكى» دىكىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن سۆزلىرى بېرىلگەن.

ئۇلاردىن «مىسىر خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ تەھرىرى ئادىل ئەلى خىتاينىڭ رايوندىكى دىنىي ئېتىقاد سىياسىتىنى مەدھىيەلەپ: «بۇ يەردىكى مۇسۇلمان جامائىتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەن،» دېگەن.

ھىندىستان ئەلچىخانىسى تورىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگرامما دېرىكتورى سەئىد جاۋاد بولسا ئۆز تەسىراتىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: «مەن شىنجاڭدا ئىنتايىن ئالاھىدە مەنزىرىنى كۆردۈم. سىز بۇ يەردە كۆپلىگەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقايسىز. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن خوش بولدۇم. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپتۇ.»

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە يەنە پەلەستىننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ زىيارەت قىلىنغان. ئۇ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرىغا دېگەن سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن ۋە ئېتىبار بېرىدىكەن. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەن. بىز خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق.»

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئاتالمىش «تەكشۈرۈش ئۆمىكى» دىكىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن خەۋەرلىرى غەرب دۇنياسىدا باشقىچە ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللانغان، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي ماللىرى خەلقئارادا چەكلەشكە ئۇچرىغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ كۆرۈنۈش ياساپ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشى ئەركىن دۇنيادىكى كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلدى.

2018-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە قازاقستاننىڭ غۇلجا بىلەن چېگرالىنىدىغان قورغاس بازىرى ئارقىلىق خىتايدىن قېچىپ چىققان، نۆۋەتتە شىۋىتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان لاگېر شاھىدى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ خىلدىكى ساختا كۆرۈنۈش ۋە تەشۋىقاتلىرىغا كۆپ قېتىم شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرۈدى.

سايراگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەر قېتىم ئاتالمىش «چەت ئەللىك تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى» ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشتىن ئاز دىگەندە بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ساختا مەيدان ياساشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كىرىشىدىكەن. دائىرىلەر لاگېر ئىچىدە ساختا كۆرۈنۈشلەرنى ياسىغاندىن باشقا، ئىلگىرى جازالانغان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇتقۇچىلارنى قايتىدىن مۇنبەرلەرگە چىقىرىپ، ئۇلارغا «تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى» كەلگەندە نېمىلەرنى دېيىش، نېمىلەرنى دېمەسلىك ھەققىدە مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىكەن.

سايراگۈل خانىم يەنە يېقىندا قازاقستانغا چىققان بىر قېرىندىشىدىن ئالغان مەلۇماتنى بايان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدە غۇلجادا مەخسۇس بۇيرۇق بىلەن كىشىلەرنى مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشقا ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۇنىڭ يالغانچىلىق ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ خىل ساختا كۆرۈنۈشلەر ۋە يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ھەرگىزمۇ خەلقئارانىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم ئەرەپ ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئۆلىما»، «دىپلومات» ياكى «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان «تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى» نى رايونغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلدۇرسىمۇ، لېكىن بۇ تەدبىرلەر دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان قارىشىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.