ئۇيغۇر رايونىدىكى خېلى بىر قىسىم يېزا-بازارلاردا بۇ يىل قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلمىغانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆپ ساندىكى يېزا-بازارلىرىدا قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلمىغان، بۇنىڭغا بىر تەرەپتىن كىشىلەردىكى مەسچىتكە بېرىشتىن قورقۇش سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەسچىتلەردە ئىماملىق قىلغۇدەك دىنىي زاتلارنىڭ بولماسلىقى سەۋەب بولغانىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ يېزا-بازارلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى قىسمەن دەرىجىدە دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوقۇقنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەن، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆپ ساندىكى يېزا-بازارلىرىدا بۇ يىل قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەنلەردىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرىمۇ، يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى رەت قىلمىدى. مەزكۇر ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدا لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى مەسچىتكە بارغان ۋە ياكى مەسچىت سىرتىدا ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغاچقا، ئاھالىلەر بۇ ھېيت نامىزىدا مەسچىتكە بېرىشتىن قورققان. ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپىنچە كادىر ۋە ساقچىلارمۇ ھېيت نامىزىغا بېرىشكە رۇخسەت بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق بىر گەپ قىلمىغان. ئاقسۇ گۈللۈك يېزا ساقچى خادىمىمۇ، بۇ يىل ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلغان-ئوقۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.

ۋەزىيەتتە خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە دائىرىلەر پەقەت خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈنلا شەھەر مەركەزلىرىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەردە ھېيت نامىزى ئوقۇلۇشقا رۇخسەت قىلغان، ئەمما جەمئىيەتتە بۇ مەسچىتلەرنى تولدۇرغۇدەك دەرىجىدە كىشى بولمىغاچقا بىر قىسىم يېزا كادىرلىرى، لاگېر سىرتىدا قالغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ھېيت نامىزىغا بېرىشقا ۋە مەسچىت ئالدىدا ساما ئويناشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەم تەشكىللىگەن. لوپ بازارلىق ساقچى خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ساقچى خادىملىرى ھېيتلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، بۇ مەسچىتكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تىلغا ئالمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ھېيت نامىزىغا ئادەم بارماسلىقتا، دائىرىلەرنىڭ ۋاقتىدا ۋە ئېنىق بىر ئۇقتۇرۇش چىقارمىغانلىقى شۇنداقلا ئاھالىلەرنىڭ خاتالىشىپ قېلىشتىن قورقۇش ۋە لاگېرغا ئەكېتىلىش ئەندىشىسىدىن باشقا، كۆپىنچە مەھەللىلەردە دىنىي زاتلارنىڭ قالمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ تۈرمە ياكى لاگېرغا سولاقلىق ئىكەنلىكى سەۋەب بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلى چاپچالدىكى بىر كەنت كادىرى، ئۆز تەۋەلىكىدە دىنىي زاتلارنىڭ قالمىغانلىقىنى دەلىللىدى. ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قارىقاشنىڭ ياۋا يېزا ساقچى خادىمى بۇ يېزىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ 60% تىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.

شايار ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى بۇ يىل ھېيت نامىزىغا قاتناشمىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئەما نېمە ئۈچۈن قاتناشمىغانلىقى ھەققىدە گەپ قىلالمىدى.
ئاقسۇدىكى يەنە بىر ساقچى خادىمى، ئەگەر ئاھالىلەردىن بىرەرى ئۆزىدىن مەسچىتكە بېرىش-بارماسلىق ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ قالسا، بارماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ يىلقى سىياسىي ھاۋادا، ھېيت نامىزىغا بېرىشنىڭ خاتالىق سانىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.