مەلۇم بولغىنىدەك، ھاشار ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەك، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئىشلىتىشتەك بۇ خىل قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ 1960-يىللاردىن تارتىپلا باشلانغانلىقى مەلۇم. ھاشارنىڭ تۈرلىرى ۋە كۆلىمى كېيىنچە بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىشى ھەمدە باشقا نۇرغۇن باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى توختىماي ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى-2017 يىلى-1 فېۋرالدىن باشلاپ ھەر قانداق شەكىلدىكى ھاشار ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇمۇ خىتاينىڭ باشقا ۋەدىلىرىگە ئوخشاشلا ئەمەلىي ئىجرا بولمايدىغان قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق ۋەدىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.

يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قىسقا ۋىدېيولار كۆپلەپ تارقالماقتا. فېيسىبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجمتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خىل سىنلارنى تارقاتقان ۋە ھەمبەھىرلەپ ئىنكاس قالدۇرغانلارمۇ كۆپەيمەكتە. بەزىلىرى ئاۋازلىق، بەزىلىرىگە ناھايىتى ئازابلىق ناخشا-مۇزىكىلار كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ۋىدېيولاردىن ئەسلىدىلا بار بولغان ئۆستەڭ چېپىش، يەر ئېچىش، يول ياساش، كۆچەت تىكىش، ئۆي ئۆرۈشكە ئوخشاش ئېغىر قۇرۇلۇش ئەمگەكلىرىنى ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر فېيسىبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجمتىمائىي تاراتقۇلاردا يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا.
لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ۋە قىسقا ۋىدېيولار زور ئىنكاس قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەت داۋۇت خانىم ھاشارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە مەلۇم بولغان بۇ خىل ۋىدېيولارنى يىغىپ تارقىتىشتىكى سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئادەتتە ئەرلەر قاتنىشىدىغان ئېغىر ھاشار ئەمگەكلىرىگە بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن دېگۈدەك ياشانغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك نۇقتىنىڭ ئۆزىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈمىدىدە بۇ سىنلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەتنىڭ كۆزىتىشىچە، كەڭ كۆلەملىك ھاشارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ۋىدېيولار تارقالغان ئەسلى مەنبەلەر قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار نوپوسى ئەڭ زىچ بولغان ۋە ئەڭ نامرات ھېسابلانغان جايلار ئىكەن.

ئىلگىرى رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىنمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ھاشار سېلىقى ئەڭ ئېغىر جايلار بولۇپ كەلگەنلىكى، بۇ خىلدىكى ھەقسىز ئەمگەكنىڭ ھەر يىلى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ھەتتا بىرقانچە ئايغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە ھاشار ئەمگىكىگە قاتنىشالمىغانلار ياكى ۋەزىپىسىنى تامام قىلالمىغانلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېغىر جەرىمانە ۋە باشقا جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار پاش بولغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھېچقانداق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدا مەۋجۇت بولمىغان ھاشار ئەمگىكىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى قۇرۇپ، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ھەقسىز ۋە ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە لاگېر سىرتىدىكىلەرنىمۇ داۋاملىق تۈردە ھەر تۈرلۈك ھاشارغا مەجبۇرلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا.

ئامېرىكادىكى كۆزەتكۈچىلەردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھاشار ئەمگەكلىرى ئىپادىلەنگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىگە دىقەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ياشانغان ئايللارنىڭ بېلىغىچە سۇغا كىرىپ ئېرىق-ئۆستەڭ قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقدەك كۈرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىدە چوڭقۇر ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئاياللارنى بۇ خىل ئېغىر ئەمگەكلەرگە مەجبۇرلىشى يالغۇز جىسمانىي خورلاشلا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە روھي جەھەتتىنمۇ ئېغىر ئېزىشتۇر.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىشنى بىكار قىلغانلىقى توغرىسىدا-2017يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلغان قارارىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ يۈكىنى مەنبەسىدىن يەڭگىلىتىش، ئاساسىي قاتلاملاردىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ، شەھەر مىقياسىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.»
مەزكۇر قاراردا يەنە خوتەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سېكرىتارلىرى بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى، دەپ بېكىتىلگەن.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋىدېيولارنىڭ يالغۇز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئەر ۋە ياش ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكەپ كېتىىلگەنلىكى ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنڭ مۇھىم بىر ئىسپاتى ئىكەن. ئىلشات ئەپەندى يەنە گەرچە ھاشار ماھىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى چەت ئەل شىركەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي زاۋىۇتلىرىدا مەجبۇري ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئوخشاش بىر قۇللۇق ئەمگىكى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھاشار مەسىلىسىنى توغرا ئاڭلىتىش ۋە ئۇنى توسۇشتا پەرقلىق يول تۇتۇش زۆرۈر ئىكەن.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئىلگىرى يېزا-قىشلاقلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش، ھەقسىز ئەمگەككە چىقمىغانلارغا قارىتا جەرىمانە تۆلىتىش ياكى باشقا خىل ئۇسۇللاردا جازا قوللىنىش ئومۇمىييۈزلۈك داۋام قىلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ كۆچمەن يۈتكەش سىياسىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشى ۋە ئۇيغۇر ھويلا ئاراملىرىغىچە خىتايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈشى سەۋەبلىك، ھاشانىڭ شەكىللىرىمۇ بارغانچە كۆپىيىپ تېخىمۇ ئەۋج ئالغان ئىكەن.
ھەقسىز مەجبۇري ئەمگەك ھېسابلانغان ھاشارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋامنلىشىۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئەمگەك ھوقۇقى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقۇنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ توختىتىشقا تېگىشلىك بىر جىددىي مەسىلىدۇر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەرقايسىي دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى دەل مۇشۇ مەسىلىلەرگە تارتىش ئۈچۈن ھەر يىلى 2-دېكابىر كۈنىنى «خەلقئارا قۇللۇقنى يوقىتىش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.