خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 30-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، «2021-يىلى ئاپتونوم رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 7% ئاشقان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە، «رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر تۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 598 مىليارد 365 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 7% ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.2% ئاشتى. ئىمپورت-ئېكسپورتتا مۇقىملىق ساقلاندى، ئېكسپورتتا بىرقەدەر تېز ئېشىش ئىشقا ئاشتى» دېيىلگەن.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىتىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتى ئالدى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد نەزەرىيەسى ۋە كورۇنا ۋىرۇسى پۈتكۈل يەرشارى بويىچە ئىقتىسادىي كرىزىسى ياراتقان نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن.
قەيسەر ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىكى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىقتىسادىي مەلۇماتلار ھەققىدىكى دوكلات ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي ئەھۋال ھەققىدىكى دوكلات ۋە مەلۇماتلارنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ چىقتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىدا، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن تارتىپ يەرلىك ھۆكۈمەتكە قەدەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قىلغاندا ئەمەلىي ساندىن ئاشۇرۇپ مەلۇمات بېرىش كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە ھېسابلىنىدىكەن.
قەيسەر ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ مەلۇماتىدىكى «رايوندىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى يۈكسەلدى. تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 15% ئاشتى، سېلىنما قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى» دېگەن مەلۇمات ھەققىدە توختالدى.
قەيسەر ئەپەندى بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردا، رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ساقچى ۋە نازارەت سىستېمىسىغا سالغان زور مىقداردىكى مەبلىغى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۇقىرى تەمىنات، بىكارلىق ئۆي-يەر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن رايونغا يەرلەشتۈرگەن مەبلەغلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەيسەر ئەپەندى يەنە، خىتاي خەۋىرىدىكى «2021-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازارلاردا 477 مىڭ 400 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى 3 مىليون 174 مىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى»، «2021-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 156 مىليارد 907 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 5.8% ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 15.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى» دېگەن مەلۇماتلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەيسەر ئەپەندى، خىتاينىڭ شەرقىدىكى ۋەيران بولغان شىركەت-زاۋۇتلارنى ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئېتىبار سىياسىتى بىلەن رايونغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەشتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك سۈپىتىدە پايدىلىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى نەقىل ئالدى.
خەۋەردە يەنە، «پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 26 مىڭ 75 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 9.4% ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى 8.1% بولدى» دېيىلگەن.
قەيسەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن پىلانلانغان بۇ خىل ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان. شۇڭا بۇ مەلۇماتلاردىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىدا يۈكسىلىش بولغانلىقىدىن يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.