خىتاي دائىرىلىرى 2024-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي ياشلىرىغا «شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يىلتىز تارتىش» نىڭ يېڭى پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ تېخىمۇ كۆپ خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىش سالمىقىنى كېڭەيمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسى بويىچە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە سانائەت باغچىلىرىدىكى كارخانىلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنىڭ كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تيەنجىن، چوڭچىڭ، چاڭشا، ۋۇخەن، نەننىڭ شەھىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان سىناق نۇقتىلىرىنى قۇرغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ يەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق رايونلارنىڭ سانائەت تەرەققىيات رايونلىرى بىلەن بىرلىشىپ، گەنسۇ، سىچۈەن، جياڭسۇ، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن كارخانىلارغا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى، يەرلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىق توختاملىرىنى تۈزگەنلىكى مەلۇم. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ يېقىنقى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرغا قەدەر 236 مىڭغا يېقىن خىزمەت ئورنىغا ئېلان چىقارغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىسادى تېخنىكا ئېچىش رايونى» بىلەن گەنسۇدىكى 10 ناھىيەگە قاراشلىق 227 يېزا، بازار ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىشى كۆپ خىل مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا.
ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ۋە ئانالىز ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا كۆزىتىش پىروگراممىسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى مارىن ئېكسترومنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتىشىنى، خىتايدىكى ھازىر دۇچ كەلگەن ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرىشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن. مارىن ئېكستروم 11-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئېنىق ئېيتالايمەنكى، بۇ، مەزكۇر رايونغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل. چۈنكى، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى چوڭ راھەتسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك مەۋجۇت».
مارىن ئېسكترومنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدىكى يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى يەڭگىللىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە . مارىن ئېكستروم مۇنداق دېدى: «خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرسە، مەلۇم كەسىپتە ئۇنۋان ئالسا ياخشى مائاش، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقى ۋەدىسى بىلەن چوڭ بولغان. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئېرىشەلمەسلىكى، خىزمەت تېپىشتىكى رىقابەت ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. مېنىڭچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىش ئېلانلىرى ياشلاردىكى نارازىلىقنى بېسىشنىڭ بىر پارچىسى».
ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەن بىر قانچە يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا سەككىز چوڭ سانائەت توپى بەرپا قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىپ، رايوننى خىتاينىڭ نېفىت-خىمىيە ،گاز، كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە ھەم يېڭى ماتېرىياللار ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كىرىشكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى، دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى تۇڭگان زىيالىيسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا سېلىنمىنى كۆپەيتىشى ۋە مىللەتچىلىك چاقىرىقى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلماقتىكەن.
ما جۈ مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدا ئىقتىساد كاساتلىشىپ نۇرغۇن ياشلار ئىش تاپالماس بولدى. لېكىن خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان ئىقتىسادىي سېلىنمىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. بۇ سېلىنما ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى جەلپ قىلماقتا».
ما جۈنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىشتا سېلىنما بىلەن مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنى بىرلەشتۈرمەكتىكەن. ما جۈ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئىقتىسادىي سېلىنمىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ رايونغا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىپ، رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. ئامېرىكادىكى ئىقتىسادىي پەنلەر دوكتور، ئىقتىسادى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەيسەر مىجىتنىڭ 11-مارت مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس سېلىنما ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر خىل خىزمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلماقتا . قەيسەر مىجىت خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇسى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشى، خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سىياسەت كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدىكەن.
نۆۋەتتە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بۇ تەرەققىياتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا. ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدىكى نوپۇسنى «ئەلالاشتۇرۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللانماقتىكەن. ئۇ، بۇنىڭغا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى بىخەتەرلىك تەھدىتى ، دەپ قارىشى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بىر رايونغا توپلىنىشى، بولۇپمۇ جەنۇبتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى ‹ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىشنى مۈشكۈللەشتۈرمەكتە›، دەپ قارالدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ بىر جايدا بىر قوۋم بولۇپ ياشىشى، ئۆزگەرتىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار توپ بولۇپ ياشىسا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالدى».
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قاراپ كېڭەيتىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىشسىزلىق بېسىمىنىڭ پەسەيمەيۋاتقانلىقى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتنىڭ يەنىلا ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدا مەملىكەت بويىچە 11 مىليون 790 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ پۈتتۈرىدىكەن. بۇ، تارىختىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر يىل، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلقى سانلىق مەلۇماتلىرىدا، 2023-يىلى 6-ئايدا خىتايدىكى 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان شەھەر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 21.3 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادنىڭ بۇ يىللىق ئېشىشى سۈرئىتىنى 5 پىرسەنت ئەتراپىدا، دەپ بېكىتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشسىزلىق بېسىمىنى ئۇيغۇر دىيارىدا سەككىز چوڭ سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىش ئارقىلىق يەڭگىللىتىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.
