«لاگېرلار» : زور كۆلەملىك قاماقنىڭ دۇنياۋى تارىخى
2025.03.05

زامانىمىزدىكى ئىنسانلار ئۈچۈن «لاگېر» مەسىلىسىنى ھەرقاچان ئۆتمۈشنىڭ مۇدھىش سەھىپىلىرى بىلەن باغلىغان ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىدە «يىغىۋېلىش لاگېرى» خاراكتېرىدىكى لاگېر سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەمدە يىللاپ داۋام قىلىشى بۇ خىل ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى جانلىق ئىسپاتلىدى. پىروفېسسور ئايدان فورس (Aidan Forth) نىڭ «لاگېرلار» ناملىق ئەسىرى بولسا دەل مۇشۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان.
«يىغىۋېلىش لاگېرى» ناتسىستلارغىلا خاس ئەمەس!
«لاگېر» ئاتالغۇسى ئوتتۇرىغا چىققان ھامان كىشىلەرنىڭ يادىغا كېلىدىغىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسى جاي-جايلاردا قۇرۇپ چىققان «يىغىۋېلىش لاگېرى» ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇ خىلدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرى» نىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسى دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ھۆكۈمران گۇرۇھ ئىجتىمائىي ياكى ئىرقىي سەۋەبلەردىن مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمىغان خەلقلەرنى كۆزدىن يوقىتىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان مۇئەسسە سۈپىتىدە كۆپلەپ قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇ ھال ئاسىيا ۋە ئافرىقا تارىخىدا كۆپ قېتىم نامايان بولغان ھادىسىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭ كېيىنكى ۋارىيانتلىرى قاتارىدا سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇپ چىققان «گۇلاگ» سىستېمىسىنى، ئەڭ يېڭىسى قاتارىدا بېرما مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان «يىغىۋېلىش لاگېرى» ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى «يىغىۋېلىش لاگېرى» نى كۆرسىتىش مۇمكىن.
پىروفېسسور ئايدان فورسنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ لاگېر سىستېمىلىرى ئوخشىمىغان دەۋردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى نىشان، ئەندىزە ۋە قانۇنىيەتلەر چوڭ جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلار جامائىتىنى «ئىرقىي دۈشمەن» دەپ بېكىتكەن بولسا، ستالىن ھاكىمىيىتى ئۆزىگە قارشى كۈچلەرگە «سىنىپىي دۈشمەن» دەپ تامغا ئۇرغان. شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا بىر قىسىم تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنلا «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان رېئاللىق بولۇپ قالغان. شۇڭا «20-ئەسىردىكى قاباھەتنىڭ سىمۋولى» دەپ ئاتالغان لاگېرلار 21-ئەسىردە زور كۆلەملىك تۇتقۇننى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققاندا ھەر ساھەنىڭ «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ!» دېگەن تارىخىي ۋەدە توغرىسىدىكى كۆپلىگەن سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ»
ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئەينى ۋاقىتتا «دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى باھانە قىلىپ، يەھۇدىيلارنى مۇشۇ جىددىي ۋەزىيەتنىڭ سەۋەبكار سۈپىتىدە زور كۆلەمدە لاگېرغا قامىغان؛ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «گۇلاگ» سىستېمىسى ۋە خىتاينىڭ «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى» بولسا قاتىللار، ئوغرىلار ۋە «سىياسىي مەپكۇرىسى ئوخشاش بولمىغان ئەكسىلئىنقىلابچىلار» نى قارا-قويۇق بىر لاگېرغا قاماپ ئۇلارغا جازا بەرگەن. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرغا قامالغانلار «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا باغلانغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا ئارتىلغان «تېررورلۇق» نىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىسلامىي ئەقىدىلەر ۋە ئادەتلەر ئىكەنلىكى خىتاينىڭ «تېررورلۇق» نىڭ تەبىرى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرىدىن مەلۇم بولغان. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ھازىرقى زاماندىكى لاگېرلارنى خاراكتېر جەھەتتىن ناتسىستلار ۋە سوۋېت تارىخىدىكى لاگېرلاردىن ئۈلگە ئالغان، دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا ھۆكۈمران گۇرۇھ ھەرقاچان قوللىنىپ كەلگەن ئىجتىمائىي سۆزلۈكلەردىن «بىز» ۋە «ئۇلار»، «مەدەنىيەتلىك» ۋە «قالاق»، «دوست» ۋە «دۈشمەن» قاتارلىقلار ئىزچىل تەكرارلىنىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پىروفېسسور ئايدان فورس مۇنداق دېدى.
«لاگېرلارنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسى ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىلا تىكەنلىك سىم-توساق بولىدۇ، بەزىدە بۇ سىملار توكقا ئۇلاپ قويۇلىدۇ. بۇ لاگېرلار ئاساسلىقى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كىشىلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. ئەمدى ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە لاگېرلار قانداق بولۇپ زامانىۋى سىياسىي ئىنتىلىشلەرنىڭ ھۇل تېشى بولۇپ قالدى دېسىڭىز ھاكىمىيەتلەر، ھەتتا بىر قىسىم دېموكراتىك ھاكىمىيەتلەرمۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تارىخقا ۋە كىملىككە ئىگە بولۇشىغا خۇشتار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالساق، ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە ئۇلار ئالىي ئىرق نەزەرىيەسىنى بازارغا سېلىشتا يەھۇدىيلارنى دۈشمەن ۋە ‹ئۇلار› دەپ تەسۋىرلىگەن؛ سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولسا ستالىن ھاكىمىيىتى باي دېھقانلارنى ‹كۇلاك› (кулaк) دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ‹خەلقنىڭ قېنىنى شورىغۇچى پارازىت› ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ھازىر ئۇيغۇرلارنى ‹باشقىلار› دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتايلارغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ بولسا خىتاينىڭ غەربىگە زور ساندا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلىشىۋاتقان خىتايلاردىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتىدۇ.»
دەرۋەقە بۇ ھال ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنغان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش»، «شىنجاڭدىكى قالاقلىقنى تۈگىتىش» شوئارلىرىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسى بەرپا قىلىش» تەشۋىقاتىنىڭ مەنبەسىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە «ئۇيغۇرلاردىن ئىشەنچلىك ئادەم يوقلۇقى، خىتايلاردىن ئىشەنچسىز ئادەم يوقلۇقى» ھەممىگە مەلۇملۇق ئىجتىمائىي ئۆلچەم بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.
«ئۇيغۇرلار جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يوقىتىلىۋاتىدۇ!»
لاگېر سىستېمىسى ھەققىدە سۆز بولغان ھامان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يادىغا ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە مىليونلاپ يەھۇدىينىڭ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى كېلىدۇ. دەرۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىستېمىسىدا بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ھۆججەتلەر تېخى مەلۇم بولمىغانلىقتىن بەزىلەرنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى ھۆكۈمدىن گۇمانلىنىشى نۆۋەتتە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما پىروفېسسور ئايدان فورسنىڭ قارىشىچە، قوي قوتانلىرى شەكلىدىكى بۇ خىل لاگېرلاردا ھەرقاچان ئورتاق بولغان ئاچارچىلىق، جىسمانىي ئەمگەك ۋە سىياسىي ئىدىيەنى «شورپا» قىلىپ ئىچۈرۈش ھادىسىسى ئالدى بىلەن ئىنساننى ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ياۋروپا تارىخىدىكى لاگېرلارغا نەزەر سالغاندا كۆزگە چېلىقىدىغان ئالاھىدە ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ ھەرقاچان ئىجتىمائىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئۆزلىرىنى «ئالىي نەسەب» ئىگىسى، دەپ قارىشى، شۇنىڭدەك مەۋجۇت بولۇشى ئىستەلمەيدىغان گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كىشىلەرنى «گۇناھكار ۋە گۇمانلىق پۇقرالار» دەپ چۈشىنىشى بولغان. ئايدان فورسنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى «نامرات ۋە گۇناھكار» توپتىكى كىشىلەرنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى تەبىقە ئىزچىل تۈردە «ياۋايى» ۋە «خەتەرلىك بولغان كىشىلەر توپى» دەپ قارىغان؛ يەنە بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى شۇ جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى بۇزغۇچى كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئىكەنلىكى، بۇ خىل ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچى بۇ كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆز يۇمغانلىق ئەمەلىيەتتە «كېسەل چىرماپ كەتكەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەملىكەت تېررىتورىيەسىنى كېزىپ يۈرگەنلىكىگە باراۋەر» ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنى پاكپاكىز تازىلاپ يوقاتمىغاندا مەملىكەتنىڭ ساغلام مۇھىتقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقى كۆپلەپ بازارغا سېلىنغان. ئاپتور مۇشۇ خىل ئىدىيەنىڭ ئەسىرلەپ مەۋجۇت بولۇشى ھەمدە ئاخىرى كېلىپ 20-ئەسىردىكى زور قىرغىنچىلىققا مەنبە بولۇشىغا ئاساسەن بۇنى «مىڭ يىللىق ئۆچمەنلىك» دەپ ئاتايدۇ.
ياۋروپا تارىخىدىكى بۇ ھادىسىلەرنىڭ 21-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىستېمىسىدا قايتىدىن زاھىر بولۇشى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادىنىڭ «روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتىلىشى، «كېسەللىكنى يوقىتىش ئۈچۈن خىمىيەۋى ئوغۇت سېپىش شەكلىدە زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى تولۇق يوقىتىش لازىملىقى» ھەققىدىكى شوئارلار بۇنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ھادىسىلەردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ مەدەنىيەت ۋە كىملىك جەھەتتە خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن غايەت زور ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھايات-ماماتلىق قىممىتىگە ئىگە بولغان جۇغراپىيەلىك ماكاننىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن «دۈشمەن سىنىپ» بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ «دۈشمەن سىنىپ» نى «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» بويىچە بىر ياقلىق قىلىش ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ جىددىي ئېھتىياجىدىن بىرى بولۇپ قالغان. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى يەھۇدىيلاردەك جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلىش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش شەكلىدە داۋام قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پىروفېسسور ئايدان فورس مۇنداق دەيدۇ.
«بۇ جەھەتتە پەرق مەۋجۇت. يەنە كېلىپ بۇ خىل پەرق بەكمۇ مۇھىم. ئەمما شۇنى دېيىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن: مەيلى گىتلېر گېرمانىيەسى بولسۇن ياكى ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاشۇ خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يوق قىلىشنى ئىستىگەن. بۇنىڭدا گىتلېر گېرمانىيەسى بۇ خىل پەرقنى تۈگىتىش ئۈچۈن يەھۇدىيلارنى زەھەرلىك گاز بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوقىتىشنى تاللىۋالغان. سىز تىلغا ئالغاندەك ئۇلار بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلارنى ئۆزگەرتىپ گېرمان نەسلىگە ئايلاندۇرۇشنى خالىمىغان. ئەمما خىتاي بولسا ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يوق قىلىۋېتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. بۇنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزى دېيىشكە بولىدۇ: بىرى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، يەنە بىرى يوقىتىش؛ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى مەقسەت بولسا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش. ھازىر ئىشلار مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىلمىسىمۇ لاگېرلاردا ئەنە شۇ نىشان ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار باشقىلارغا ‹مىللىي› ۋە ‹دۈشمەن› بولۇپ كۆرۈنىدىغانلا ئىش بولسا ئۇلار يېتەرلىك بولدى، دەپ قارالغۇچە لاگېرغا قامىلىۋېرىدۇ ھەمدە قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق خىتايغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. قاچانكى مۇشۇ ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى تامام بولغاندا ئاندىن ئۇلار لاگېردىن قويۇپ بېرىلىدۇ.»
بۇ ھالنى لاگېرشۇناس ئالىملار ئادريان زېنزمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق شەكلىدە ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى غايەت زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كۆپىيەلمەس قىلىۋېتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي پاكىتلار بىلەن شەرھلىگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆزلىگەن نىشانىغا يەتتى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى لاگېرلارغا ھۇل سېلىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.