يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى: «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.09.06
uyghur-qiz-yegit-toy-xitaylashturush قانچە بېسىم قىلسىمۇ بىز يەنىلا ئۇيغۇر. 2024-يىلى 19-فېۋرال
Yettesu

خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاشكارا بازارغا سالىدىغان، خىتاي ئەرلەرنىڭ خۇددى تورلاردىن مال سېتىۋالغاندەكلا لايىق تاللاش سۇپىلىرى ئارقىلىقلا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خوتۇنلۇققا تاللاۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدىغان قىسقا سىنلار تارقىلىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋىدىيولىرىنى تاللاپ، چەت ئەللەردىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت يېقىنقى كۈنلەردە فېيىسبۇك ئارقىلىق تارقاتقان قىسقا سىنلاردا، بىر لايىق تونۇشتۇرۇش سۇپىسىنى باشقۇرغۇچىنىڭ بىر قانچە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى سىچۈەندىكى بىر 35 ياشلىق ماشىنا رېمونتچىلىقى قىلىدىغان خىتاي ئەرگە تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىتاي ئەر، بىر قانچە ئۇيغۇر قىز چوكانلار ئىچىدىن-1 نومۇرلۇق ئۇيغۇر ئايالغا كۆزى چۈشكەنلىكىنى ھېيىقماستىن ئېيتىدۇ.

ئۇ خىتاي ئەر تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ دېيەلمەي «-1نومۇر بولىدىكەن» دەپ، ئارقىدىن ئۇنى سىچۈەنگە كېلىشكە قوشۇلامدىكەن دەپ سورايدۇ؟ ئۇنىڭغا ئۇلانغان خىتايچە، ئۇيغۇرچە ئارىلاش بولمىغۇر دىيالوگلار كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشقان بۇ دىيالوگ ئارىسىدا، لايىق تونۇشتۇرغۇچى ئۇيغۇر ئايال، لايىق تونۇشتۇرۇش نەتىجىسىنى، يۈزى كۆرۈنمىگەن ئەمما ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغان بىر خىتايغا دوكلات قىلىدۇ.

بۇ قىسقا سىنلاردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، خىتاي ئىجتىمائىيلاشماق تاراتقۇسىدا ئاشكارا يولغا قويۇلغان بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلەرگە تونۇشتۇرۇش تور سۇپىسىدا، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھېقىقى سۈرەتلىرى بىلەن كۆرۈنسىمۇ ئۇلارغا نومۇر قويۇلغان، باشقۇرغۇچىنىڭ ئارقىسىدا قىزىل لوزۇنكىغا «ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىش ئېيى پائالىيىتى» دېگەن خەتلەر يېزىلغانلىقىدىن، بۇ لايىق تونۇشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) شى جىنپىڭ ئارزۇ قىلغان ۋە تەشەببۇس قىلىۋاتقان خىتايدىكى باشقا بارلىق مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، خىتايدىن ئىبارەت تەك ئۇلۇس يارىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇ سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىجتىمائىيلاشماق تاراتقۇ ۋىدىيولىرى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىشىغا ئائىت تەشۋىقات ۋىدىيولىرىدىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ-2014 يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلەرگە توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۈچەيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. شۇنداقلا سىستېمىلىق ھالدا مىللەتلەر ئارىلىشىپ توي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بۇ خىل جىسمانىي جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە رايوندا مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ۋاسىتىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى، خەلقئارا ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى بۇلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە».

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن، لايىق تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغان سۇپا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى» قىزىق لىنىيەسىنىڭ تېلېفوننى ئالغان مۇلازىم مۇخبىرىمىزغا، بۇ شىركەتنىڭ «بىخەتەرلىك ئىدارىسى» (دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى) ھەمدە «ئۈرۈمچى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى» نىڭ مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈپ قوللىشى ئاستىدا مۇلازىمەت باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار «-21 ئەسىردىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇنى ئالدىنقى ئەسىردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن ئوخشاشلىقلىرىنى ۋە پەرقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلارغا مەجبۇرىي نىكاھلىنىشىدەك ئەھۋالغا، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ تىرىك شاھىتلىرى قانداق باھا بېرىدۇ؟ بۇ خىل پاجىئە يەھۇدىي ئاياللىرى ئۈستىدىمۇ يۈز بەرگەنمۇ؟ ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى نېمە بولغان؟ بۇ سوئاللىرىمىزغا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زور قىرغىنچىلىقىنىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن، ئامېرىكادىكى سامىي ستېيگمەن (Sami Steigmann) جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايغا توي قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى مېڭە يۇيۇشقا ئۇچرايدۇ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئەردىن تۇغۇلغان بالىلىرى خىتاي بولىدۇ، نەتىجىدە كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى. بۇنىڭ تەسىرى 20 يىللاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. بۇ پاجىئەلەر چوڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىيلاردىمۇ يۈز بەرگەن. كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىمۇ يۈز بەرگەن. ئەپسۇس، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلىرى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ».

سامىي ئەپەندى، خىتايغا مەجبۇرىي نىكاھلانغان ئۇيغۇر ئاياللارنى خۇددى مەھبۇسلارغا ئوخشاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاياللار خۇددى مەھبۇسلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغۇچە توختىماي زىيانكەشلىككە، خورلاشقا ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇ بىر چوڭ مەسىلە، ئەمما ئۇنى ھەل قىلىش يولى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشكە ئاجىزمەن. بۇنى پەقەت خەلقئارالىق ئورتاق تەدبىر ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش مۇمكىن. خىتايغا مەجبۇرىي ئۆيلەنگەنلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ھۆكۈمەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش كېرەك».

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ھازىر ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپلا قالماي، ھەتتا ئۇنى خۇددى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن يۈز بېرىۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايغا توي قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىلگىرى تارقالغان ۋىدىيولىرىدىن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامالسىزلىقتىن، ھىمايىسىزلىقتىن ۋە ھەر خىل بېسىملاردىن ھەتتا بەزىلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئاتا ياكى ئاكا-ئىنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىدە، خىتايغا ياتلىق بولغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي ئەرلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان خورلۇقلىرى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قورالى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا، دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا 2023-يىللىق دوكلاتىدىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي دۆلەت مەمۇرلىرى بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ قوپۇشقا مەجبۇرلاش، خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنىشقا ئۇچراش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىشقا زورلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىلگەنىدى.

گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت ئېنىق سانلىق مەلۇماتمۇ يوق بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە يەنىلا جىددىي جىددىي ئىنكاس قوزغايدىغان دەرىجىدىكى ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.