لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنى جىسمانىي، روھىي، غۇرۇرى ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ۋەيران قىلىدىغان جىنسىي تاجاۋۇز
تىرىك جانلار، روھلار، ھەتتا ئۆلۈكلەرمۇ خورلىنىدىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئەر-ئايال لاگېر شاھىدلىرى، ئۆزلىرى ئۇچرىغان خورلاش ۋە قىيىن-قىستاقلار ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقنىڭ باسقۇنچىلىق ۋە تۈرلۈك شەكىللەردىكى جىنسي تاجاۋۇز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار بۇ خىل خورلاشلارنىڭ تۇتقۇنلارنى روھىي، جىسمانىي ۋە ئىنسانىي غۇرۇر جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى ھاياتتىن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى تەكرار بايان قىلماقتا.
دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا بىگۇناھ ئاياللارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق ھالدا باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ رەھىمسىز جىنايەتنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان، ھازىر ئامېرىكادا داۋلىنىۋاتقان لاگېر شاھىدى تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن خىتاينىڭ مەقسىدى «پەقەت بىزنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشتۇر» دەيدۇ.
لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاقلار بۇ مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلىرىدا مەۋجۇت سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق شەكىللىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى لاگېردا كۆرگەنلىرى ئاساسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سايراگۈل، ئۆزى بۇ ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشتىن ئىلگىرى لاگېرلاردا بۇ خىل ۋەھشىيانە قىيناش ئەسۋابلىرىنىڭ بارلىقىنى قىياسمۇ قىلالمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېردىكى ۋەھشى قىيىن-قىستاقلارنىڭ جىسمانىي جاراھەتكە قارىغاندا پىسخىلوگىيىلىك ۋەيران قىلىش كۈچى تېخىمۇ شىددەتلىك بولۇدىكەن. بۇ خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى ئۆمۈرلۈك ۋەيران قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
لاگېردىكى قىيىن-قىستاق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتى
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىمغا رادىيومىز سېلىشتۇرۇپ رەتلىگەن لاگېردىكى قىيىن-قىستاق ئۇسۇللىرى ۋە ئەسۋاپلىرىنى تونۇشتۇرغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا تەييارلىغان لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاقلار ھەققىدىكى دوكلاتىدىمۇ بۇ خىل قىيناش ئەسۋاپلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تەشكىلاتىمىز تەييارلىغان خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى قىيىن-قىستاقلار ھەققىدىكى-2018 يىللىق دوكلاتىمىزدا، توك ئۆتكۈزۈپ قىينايدىغان يولۋاس ئورۇندۇق، تورۇسقا ئېسىپ قويۇش، كېچە-كۈندۈز كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن قاماپ قويۇش دىگەنلەر تىلغا ئېلىنغان. قىيناش ئەسۋاپلىرىنىڭ بەزىلىرىنى گۇۋاھچىلار تەسۋىرلەپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق نېمىگە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ دەپ بېرەلمىگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر قاندىقى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. ئەسلىدىنلا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، ئەڭ قاتتىق تەقىب ۋە ئېغىر زۇلۇم ئىچىدە ياشاشنىڭ ئۈستىگە، لاگېردا يەنە بۇ خىل جىسمانىي ۋە پىسىخولوگىيەلىك قىيىن-قىستاقلارنىڭ ئېلىپ بېرىىشتىكى مەقسەتنى چۈشىنىشمۇ تەس.»
سوفېي رېچاردسون خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇلار ئىنساننى ئاستا خاراكتېرلىق ئۆلتۈرۈش ياكى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈرۈش، ياكى بولمىسا ئۇلارنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى ئۇلار خالىسا بۇ خىل قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۇلارنى قىيناپ ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك، سىستېمىلىق ھالدا تۇتقۇنلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. ئۇلارغا دېگىنىنى قىلدۇرۇشنى، ئۇلار نېمىنى خالىسا شۇنداق بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تېخىمۇ توغرىسى ئۇلارنى خىتاينىڭ كونتروللىقىدا بولىدىغانلىقىغا كۆندۈرشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە روھىي جەھەتتىن ئوخشاشلا ئازاب چېكىدۇ، چۈنكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار قىيىن-قىستاقنىڭ قاچان ئاخرلىشىدىغانلىقى، قاچان ئۆزلىرىنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئازاب چېكىدۇ. بۇ قىيىن-قىستاقلارنىڭ سىستېمىلىق ۋە مەقسەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.»
خىتاي لاگېرلىرىدىكى بۇ قەدەر كەڭ كۆلەملىك ۋە ۋەھشىي قىيىن-قىستاقلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كۈرۈلۈپ باقمىغان
خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە تۈرمىلىرىدىكى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ۋاسىتىلىرى ھەققىدە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكادىكى داڭلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ، ئۆزى ئىلگىرى قوبۇل قىلغان قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش دېلولىرىنى رادىيومىز توپلىغان لاگېردىكى قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمىگە-1988 يىلى ئىمزا قويغان، لېكىن ئىزچىل ھالدا بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە. خىتايدا قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئومۇمىييۈزلۈك مەۋجۇت. قىيىن-قىستاق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ مەقسىدى قىيناش ئارقىلىق مەھبۇسلارنى ‹جىنايەت› لىرىگە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشنى مەقسەد قىلىدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان لاگېرلاردا يۈرگۈزىۋاتقان قىيىن-قىستاقلىرى شەكىل ۋە مەقسەت جەھەتتىن پەرق قىلىدۇ. مېڭە يۇيۇش بىلەن جىسمانىي قىيىن-قىستاق سىستېمىلىق داۋام قىلىۋاتقان لاگېرلاردىكى بۇ خىل جىنايەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىندى. لاگېر ئىچىدىكى بۇ خىل سىستېمىلىق جىنسىي تاجاۋۇزلار، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچكۈزۈشنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۆلىلىرىدە ۋە باشقا جايلاردا بۇ قەدەر كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس. كۆلەم، ۋاسىتە، مەقسەت ھەر جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقانلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› لەرنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ئېغىر ھالدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈردىغان ئامىللاردۇر.»
لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاقلارنى پاش قىلىش-خىتاينى جازالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى
ئاخىرىدا سوفېي رېچاردسون خانىم خۇلاسە قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت تۇتقۇنلىرىغا رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەن جازاسى بېرىش، مېڭە يۇيۇش ۋە روھىي قىيىن-قىستاق قاتارلىق ئېغىر ئىسكەنجىلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى دوكلاتلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن تەخرسىز ۋە مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى تەكتلەپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئالاھىدە مۇھىم. بولۇپمۇ قىيىن-قىستاقنى يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشىدا ئەڭ مۇھىم پاكىت بولالايدۇ. چۈشىنىشىمىز كېرەككى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇندىن ئىلگىركى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتچىلەرنى جازالاش يولىدىكى پاكىت-دەلىللەرنى تەييارلاش، شۇ خىل جىنايەت يۈز بەرگەن جاينىڭ ئۆزىدە ئەمەس، باشقا ئەللەردىكى گۇۋاھچىلارنىڭ تەمىنلىگەن ئىسپاتلىق ماتېرىياللىرى ئارقىلىق پاش قىلىنغان ۋە تېگىشلىك جازا تەدبىرى قوللىنىلغان. شۇڭا بولۇپمۇ سىستېلمىلىق داۋام قىلىۋاتقان، ئەمما ئۇنى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان جاينىڭ ئۆزىدە تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى تېخىمۇ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. جىنايەتچىنى جازالاشتا ئۇنىڭ جىنايى پاكىتلىرىغا ئىگە بولغاندىلا، ئۇنى جازالاشتەك كېيىنكى قەدەملەرگە ئاساس يارىتىلىدۇ.»
خىتاينىڭ جازا لاگېرلىردىكى يۇقۇرى تېخنىكالىق تەقىب ۋە كونتروللۇق، سېستىمىلىق قىيىن-قىستاقلار ھەققىدىكى پاكىتلىق دوكلاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرۋازىسىغا ئاتالمىش «قايتا تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى»، «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش ئورنى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلارنى ئېسۋالغان بۇ جايلارنىڭ مىليونلىغان، بىگۇناھ تۇتقۇنلارغا سېستىمىلىق ۋە مەقسەتلىك قىيىن-قىستاقلار يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋەى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈزگۈزىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى سۈپىتىدە ئارقا-ئارقىدىن پاش بولماقتا.