كارخانىچى قادىر رېھىم ۋە ھەدىسى مۇنەۋۋەر رېھىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئادەم كۆپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەر نەزەرباغلىق كارخانىچى قادىر رېھىم ئەپەندى.
قەشقەر نەزەرباغلىق كارخانىچى قادىر رېھىم ئەپەندى.
RFA/Shöhret Hoshur

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر نەزەرباغلىق كارخانىچى قادىر رېھىم ۋە سىڭلىسى مۇنەۋۋەر رېھىم، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە بەلگىلەنگەن ساندىن كۆپ ئادەم كەلگەنلىكى ئۈچۈن 11 ۋە 15 يىللىقتىن كېسىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يەرلىك ئالاقىدار خادىملار، دائىرىلەرنىڭ ئۆلۈم مۇراسىملىرىنى 10-15 كىشى بىلەنلا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ 30دىن ئېشىپ كېتىشنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يېقىندا «ئۇيغۇر سپېكېر» نامىدىكى بىر تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا، قەشقەر نەزەرباغلىق قادىر رېھىم بىلەن ھەدىسى مۇنەۋۋەر رېھىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىنى ئىسلامىي يوسۇندا ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قادىر رېھىمنىڭ ئاكىسى تەۋەككۈل رېھىمنىڭ ئافرىقا دۆلىتى سۇداندا تۆمۈر فابرىكىسى قۇرغان بىر كارخانىچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەۋەككۈل رېھىم كېسىلىپ كەتكەن ئىنىسى ۋە سىڭلىسى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئىنىسى قادىرجان رېھىم قەشقەر نەزەرباغدا 15 يىلدىن بۇيان بىر خىش فابرىكىسىنى ماڭدۇرۇۋاتقان بىر كارخانىچى بولۇپ، ئۇنىڭ 2013-ۋە 2017-يىللىرى تۈگەپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىغا كۆپ ساندا ئادەم كەلگەنلىكى ئۈچۈن 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئەسلىدە بىر ئائىلە ئايالى بولغان سىڭلىسى مۇنەۋۋەر رېھىممۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن 11 يىللىق كېسىلگەن. قەشقەر نەزەرباغدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا تەۋەسىدىكى بىر ئاياللار مۇدىرى، نۆۋەتتە غۇلجىدا ئۆلۈم مۇراسىملىرىنى 10-15 كىشى بىلەن ئۇزۇتۇشنىڭ تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۆلۈمگە قاتناشقۇچىلارنىڭ 30دىن ئېشىپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر خادىممۇ، نۆۋەتتە غۇلجىدا يۇرت جامائىتى بىلەن ئۆلۈم مۇراسىمى ئۇزۇتۇشنىڭ توختىغانلىقى، ئۆلۈم پەتىسى ئۈچۈن مەھەللە ئاتلاشقىمۇ بولمايدىغانلىقى، مۇراسىمنىڭ پەقەت ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قولۇم قوشنىلىرى بىلەنلا ئۇزايدىغانلىقى ؛ بۇنىڭدىمۇ يەنە قاتناشقۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىملار يەنە ئۆلۈم مۇراسىملىرىنىڭ ئۈستىدە چوقۇم بىر كادىر نازارەتچىلىك قىلىدىغانلىقى، تەيىنلەنگەن بىر دىنىي زاتنىڭ مۇراسىمغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قەشقەر نەزەرباغلىق تەۋەككۈل رېھىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمى دائىرىلەردىن رۇخسەت ئېلىنغان ۋە تەيىنلەنگەن كادىر ۋە دىنىي زاتلار مۇراسىمنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولغان بولسىمۇ، پەقەت مۇراسىمغا ئادەم كۆپ كېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا مەزكۇر ئائىلە جازالىنىشتىن خالىي بولالمىغان. ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرجاننىڭ ئىش ھاياتى بويى، ھۆكۈمەتنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك ھەققىدە كۆرسىتىپ كەلگەن ئېھتىياتچانلىقىمۇ كارغا كەلمىگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ، ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى چەكلەشنى 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا يولغا قويغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ لاگېردىكى سىرلىق ئۆلۈملەرنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان كىشىلەر سانىنى 10-15تىن ئاشۇرمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت