ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكىلەرنىڭ 90% نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى بايان قىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ يانبۇلاق تەربىيىلەش مەركىزى ۋە مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھېلىھەم ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى يەرلىك خادىملار تەرىپىدىن دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە يانبۇلاقتا ئون مىڭدىن يۇقىرى، تۈمەنتالدا 1500دىن يۇقىرى ئاتالمىش ئوقۇغۇچى ھېلىھەم خىتاي تىلى ئۆگەنمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەسلەپتە ئىنكار قىلغان ۋە ئاخىرى ئۇنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دېگەن نام بىلەن ئېتىراپ قىلغانىدى. خىتاي خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بىر قىسىم سۈنئىي سەھنىلەرنى ھازىرلاپ تاقالغان مەكتەپلەر سۈپىتىدە خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىغا كۆرسەتكەنىدى. بۇ مەكتەپلەرنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كاتتا سورۇنلاردا باياناتلارنى بەرگەن بولسىمۇ؛ بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسى غايىب ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشمىگەن. نەتىجىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى «مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن تېخىچە خەۋەر يوق» نامىدا ھەشتەگ تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى ئاخبارات ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغانىدى.
يېقىندا قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر دۆلەتباغدىكى بىر كەنت كادىرى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەڭ كاتتا لاگېرلاردىن بىرى بولغان يانبۇلاق تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھېلىھەم ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ لاگېرغا يېقىندا ئۆز كەنتىدىكى ئەزالىرىنى يوقلاپ بارغانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن ئېكراندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، بۇ لاگېردا 3 قەۋەتلىك 20 نەچچە بىنا بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاز دېگەندە ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى لاگېر فورمىلىرىنى كىيىپ خىتاي دۆلەت تىلىنى ئۆگەنمەكتە.
بۇ خادىم يەنە ئۆزى تېخى بېرىپ باقمىغان؛ ئەمما مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋىرى بولغان قەشقەر ئايرودروم لاگېرىنىڭمۇ ھېلىھەم ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىلگىرى گۇۋاھچىلار قەشقەر ئايرودرومدىكى لاگېردا زاۋۇت-فابرىكىلار بارلىقى، ئۇ لاگېردىكىلەرنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشتىن باشقا، مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى.
مەكىت ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەكىتنىڭ تۈمەنتال لاگېرىنىڭمۇ ھېلىھەم ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى. بۇ يېزىدىكى بىر كەنت كادىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈمەنتال لاگېرى تۈمەنتال يېزىلىق ھۆكمەت بىلەن تام قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاز دېگەندە 1500 چە كىشى ئاتالمىش تەربىيە كۆرمەكتە.
بۇ مەركەز يېڭىدىن قۇرۇلغاندا بۇ يەرگە يالغۇز تۈمەنتال يېزىسى ئەمەس، مەكىتنىڭ باشقا جايلىرىدىنمۇ ئادەم ئەكېلىنگەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، ئۆز تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ بىر مەزگىل بۇ لاگېردا تۇرغاندىن كېيىن مەكىتنىڭ كونا كادىرلار ئىدارىسى بىناسىنى بازا قىلغان لاگېرغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ يەنە تۈمەنتال لاگېرىدا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان ھۈسەنجان ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ تېلېفون ئۇچۇرىنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، مەزكۇر خادىم قايتا-قايتا ئۇرغان تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.
ئىلگىرى لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقىدۇق دېگىنىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە لاگېرلارنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا سانى ئازايغان ئەمما كۆلىمىنىڭ زورايغانلىقى ۋە باشقۇرۇش ئەسلىھە ھەم تۈزۈملىرىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئامېرىكادىكى «BuzzFeed» ئاخباراتىمۇ خىتاينىڭ بەيدۇ خەرىتىسىدىكى خىرەلەشتۈرۈلگەن ئورۇنلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 315 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى دەلىللەپ چىققانىدى.
0:00 / 0:00