ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقى يېڭى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىر. 2019-يىلى 2-ئىيۇن، ئاتۇش.
خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىر. 2019-يىلى 2-ئىيۇن، ئاتۇش.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ غايەت زور تەنقىدكە ۋە ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەندىن كېيىن خىتاي تېزدىن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالماقچى بولدى. ئەمما لاگېرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئەمەس، بەلكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. شۇنىڭدەك 2019-يىلى دېكابىردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېغزىدىن «بۇ مەكتەپلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئوقۇش پۈتتۈردى ھەمدە جەمئىيەتتىن بىر كىشىلىك خىزمەت تاپتى» دېگەن مەلۇماتنى تارقاتتى.

ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئاشۇ لاگېر سىستېمىسى يۇتۇپ كەتكەن سانسىز قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇۋاھلىقلارنى بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ-ئارقىدىن تاقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە ئۆتكەن ئىدى. 2020-يىلى 8-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن: «مەن شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي: شىنجاڭدا ھېچقانداق ‹تەربىيەلەش لاگېرى› مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› بار. بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى،» دېگەن ئىدى.

23-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نېيسىن رۇسېرنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا بېغىشلانغان مەخسۇس دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم يالغان ئېيتىش ئارقىلىق دۇنيانى ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.

«شىنجاڭ سانلىق مەلۇماتلار قۇرۇلۇشى» نامىدىكى بۇ دوكلاتتا ئاپتور 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان لاگېرلارنى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان ھەمدە لاگېر شاھىتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بۇ لاگېرلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 380 نەچچە ئورۇندا مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى مەلۇم بولغان لاگېرلارنىڭ سانىغا يېڭىدىن يۈزگە يېقىن لاگېر قوشۇلغان. مانا مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئالدىنقى يىللاردىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئاپتور «لاگېرلارنىڭ سانى ۋە كۆلىمى ھازىر تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا،» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

نېيسىن رۇسېرنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان لاگېرلارنىڭ كېڭىيىش جەريانىدا ئاز دېگەندىمۇ 61 لاگېر يېڭىدىن قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 14 لاگېر ھازىر جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ لاگېرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، جۈملىدىن سىم توسۇق ۋە قورشاۋ تاملىرى بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردىن «تاقالغان بولۇشى مۇمكىن» دېيىشكە بولىدىغانلىرى سەككىز ئورۇندىكى لاگېر ئىكەن.

نېيسىن رۇسېر BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدا كۆزگە چېلىقىدىغان مەزمۇنلار ئىچىدە ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئادەمنى شۈركەندۈرىۋېتىدىغان بىر نۇقتا، بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە ئۇزاقنى كۆزلىگەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى بولۇشىدۇر. بۇ مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىدا يۈزلىگەن يېڭى بىنالار بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان كىشىلەرنى قامايدىغان ئورۇن بولۇپ قالغان. شۇڭا بۇ مۇئەسسەسىلەر توغرىسىدا مېنىڭ سۆز قىلغىنىمدىن كۆرە ئاشۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۆزى سۆزلىگىنى تۈزۈك: شىنجاڭدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولغان قەشقەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ جايدىكى لاگېرنىڭ كۆلىمى 60 ئېيكىر (تەخمىنەن 24 گېكتار ياكى 240 مىڭ كۋادرات مېتىر) كېلىدۇ. پۈتۈن مۇئەسسەسە 14 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تام بىلەن قورشالغان. تامنىڭ ئۈستىدە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆزىتىش مۇنارلىرى ئورۇنلاشقان. ئاشۇ قورشاۋ تامنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر بىنا يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىكەنلىك سىم توسۇق بىلەن قورشالغان. ئەمدى مۇشۇنداق بىر مۇئەسسەسەنى قانداق قىلىپ ‹مەكتەپ› دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە فۇنكىتسىيەسى مەكتەپكە ئەمەس، ئەكسىچە تۈرمىگە ئوخشايدۇ. بۇ خىلدىكى مۇئەسسەسەلەرنىڭ كۆلىمى ھازىر شىددەت بىلەن كېڭيىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ قېتىمقى دوكلاتىمىز دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى تارتىشىنى، شۇنداقلا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەلۇم بولغان لاگېرلارنى «تۆۋەن دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان قايتا تەربىيەلەش لاگېرى»، «گۇمانلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش لاگېرى»، «گۇمانلىق كىشىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنى» ۋە «ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان تۈرمە» دېگەندەك تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدىكەن. 1-گۇرۇپپىدىكى مۇئەسسەسىلەر ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان مەكتەپ، دوختۇرخانا دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ ئەتراپىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش ئارقىلىق لاگېرغا ئايلاندۇرۇلغان قۇرۇلۇشلار بولۇپ، 2017-ۋە 2018-يىللىرىدىكى سۈرەتلەردە بۇ ئورۇنلارنىڭ سىرتىدا تىكەنلىك سىم توسۇق ۋە تاملارنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئەمما 2019-يىلىدىن كېيىنكى سۈرەتلەردە بۇ تەدبىرلەر بىكار قىلىنغان ھەمدە بۇ ئورۇنلارغا ۋاسكېتبول مەيدانى دېگەنلەر قوشۇلغان. بەزىلەر مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ مۇنتىزىم لاگېرلارغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ياكى «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرگەن. قالغان ئۈچ گۇرۇپپىدىكى لاگېرلار بولسا بىردەك مۇنتىزىم شەكىل ئالغان ھەمدە قاتتىق مۇداپىئە تەدبىرلىرى كۆرۈلگەن مۇئەسسەلەر ئىكەن.

بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا «بۇزفىد» تورىنىڭ خادىملىرىدىن مېگا راجاگوپالان ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بىز ئاللىقاچان كۆپلىگەن مەنبەلەرنى رەتلەپ چىقىش جەريانىدا بۇ خىل ئىسپاتلارنى كۆپ قېتىملاپ ئۇچراتقان. بۇنىڭدا بەزى لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ئېلىۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر راستىنلا لاگېرلار تاقىلىشقا يۈزلەنگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاشقا باشلىغان. ئەمما سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ كۆرگىنىمىز دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن پائالىيىتىدە ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى توختىماستىن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا ئۆزگەرمىگەن بىرلا نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى بىكار قىلىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلغان، تېخىمۇ كۆپ لاگېرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى. 2020-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇ ھالنىڭ ئىزچىل يۇقىرىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇڭا مۇشۇ ئەھۋاللاردا قاراپ مەن ‹زور ساندىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى ئەسلىدىكى كونا لاگېرلاردىن يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن› دەپ ئويلايمەن. بۇ يېڭى مۇئەسسەلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ياكى كۆلىمى بۇرۇنقىسىدىن زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن. يەنە كېلىپ بۇ يېڭى لاگېرلارنىڭ ھەر بىرىگە ئون مىڭدىن 30 مىڭغىچە ئادەم سىغىدۇ. بۇنداق زور كۆلەمدىكى لاگېرلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى بۇ جايلارغا قامىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى، بۇ يەرگە قامىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق يېتىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى لاگېرلارغا ئورتاق بولغان بىر چوڭ ئالاھىدىلىك ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلنغان بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ دەل زاۋۇتلارغا يانداش ئورۇنلارغا جايلىشىشى ئىكەن. بۇ بولسا ھازىر زور دىققەت قوزغاۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بۇ لاگېرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت