قىزى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر جۈپ ئاتا-ئانا لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-12-02
Share
قىزى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر جۈپ ئاتا-ئانا لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركىيەدىكى دوكتورانت ئوقۇغۇچى رابىيگۈلنىڭ ئانىسى لاگېردا چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ۋە كەيمە چاچ بىلەن. 2018-يىلى 7-نويابىر.
Photo: RFA

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىستىدا تۈركولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دوكتورانت ئوقۇغۇچى رابىيگۈل خىتاينىڭ لاگېرىغا قامالغان ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقاتتى.

بىز رابىيگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن رابىيگۈل بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

رابىيگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، دادىسى ھېيتھاجى قاسىم (57 ياش) ۋە ئانىسى تۇخان ھاجىنىڭ (52 ياش) كورلا شەھىرى خوتۇنسۇمبۇل «خېجىڭ» ناھىيەسى قارامۇدىن بازىرى ئۇلاغ بازىرى كەنت 15-ئۆيدىن 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى دوكتورانت ئوقۇغۇچى رابىيگۈل دادىسى ھېيتھاجى قاسىم ۋە ئانىسى تۇخان ھاجى بىلەن. 2015-يىلى 29-ماي، بېيجىڭ.

رابىيگۈل دەسلەپتە ئاتا-ئانىسىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئىككى ئايلىق سىياسىي ئۆگىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما ئۇلارغا 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سوت ئېچىلىپ، «قوشنىسىغا دىنىي تەبلىغ پلاستىنكىسىنى ئۆتنە بېرىپ تۇرغان» دېگەننى دەلىل-ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىپ، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن بوھتان بىلەن ھۆكۈم چىقارغان. بىراق شۇ سوتتا ئانىسىغا سوت ھۆكۈمىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن. بىر يىل تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن، رابىيگۈلنىڭ ئانىسى تۇخان ھاجىم تۈرمىدىن جازا لاگېرىغا يۆتكەلگەن. رابىيگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ھېيىتھاجى قاسىم 2018-يىلى 7-ئايدا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

رابىيگۈل دادىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، دادىسى «ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، كومپارتىيەنىڭ ئۇلارغا ياخشى قاراۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئەمما رابىيگۈل ئۇ گەپلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىپ دېگۈزۈلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن.

2018-يىلى 11-ئايدا رابىيگۈلنىڭ كىچىك ئىنىسىنىڭ تويىنى قىلغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئانىسىغا بىر كۈنلۈك ئۆيىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلغان.

رابىيگۈل ئارىلىقتا بىر مەزگىل ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان. ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە باشقا نومۇرلار ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن بىر ئامال قىلىپ دادىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالغاندا، دادىسىنى ساقچىلار يەنە تۇتۇپ كەتكەن ۋە بىر قانچە ئايدىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى 2-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. بىراق دادىسى لاگېردىن كېسەل بولۇپ چىققان، كۆزى ئاجىزلاشقان، يول ماڭالمايدىغان بولۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رابىيگۈل ئاتا-ئانىسى تۇتۇلۇپ كېتىپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خەۋەر تاپقان.

رابىيگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانىسى تۇخان ھاجى قوشنىسىغا بىر دىنىي تەبلىغ پلاستىنكىسىنى ئارىيەت بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ، بىر يىللىق تۈرمە جازاسى بېرىلگەن. بىر يىل توشقاندىن كېيىن قويۇپ بەرمەستىن 3 يىللاپ لاگېرغا سۇلاپ قويۇلغان. رابىيگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانىسىنىڭ چېچىنى پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

رابىيگۈل ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دادىسى بىلەن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كۆرۈشكەن. يەنى دادىسى ياشاۋاتقان رايوندىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتۈرگەن. بىراق دادىسى قىسقىچە ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ماختاپ سۆزلەپ كەتكەن ۋە ئانىسى توغرىسىدا تاراتقۇلاردا ھېچ قانداق گەپ قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان. رابىيگۈل بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان ۋە دادىسىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن.

رابىيگۈلگە خىتاي ساقچىلىرى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى گەپ-سۆز قىلماسلىق ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قېتىلماسلىق توغرىسىدا ئائىلىسىنى شىپى كەلتۈرۈپ، تەھدىت قىلغان. رابىيگۈل ئاتا-ئانىسى ۋە ئۈچ قېرىندىشىنىڭ بېشىغا بىرەر پېشكەللىك كېلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئۈن-تۈنسىز تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ساقچىلىرى رابىيگۈلگە داۋاملىق تېلېفون قىلىپ ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ ئەۋەتىشنى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى، ھەتتا ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيتىپ، قىستىغان.

رابىيگۈل 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئالداش ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، بىراق قۇرقۇشنىڭمۇ ھەم سۈكۈت قىلىشنىڭمۇ چېكى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قۇرقۇشمۇ، سۈكۈت قىلىشمۇ بىر يەرگىچە بولىدۇ، بەلكىم ماڭا ئوخشاش تا ھازىرغىچە ئاۋازىنى چىقارالمايۋاتقان ئەتراپىمىزدا يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ ئورنىمىزدىن تۇرمىساق، بىزنىڭ ئۇ يەردىكى زۇلۇم ئاستىدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى يوق دەپ ئويلايمەن.»

رابىيگۈل سۆزىدە يەنە ئاپىسىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان ناھەق تۈرمىگە قامىلىپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاش تۈرمىلەردە قىينىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى بىردىن بىر قىلالايدىغان ئىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ، زۇلۇم ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت