خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بۇيانقى 3 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار يالغۇز لاگېرلار، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، نوپۇس كونترولى، مېڭە يۇيۇش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدەك غەيرىي ئىنسانىي سىياسەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپلا قالمىغان. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز ياكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشتەك رادىكال سىياسىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.
بۇنىڭدا 2018-يىلى 8-ئاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. شۇنىڭغا قەدەر لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدىن باشلاپ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا «كەسپىي ماھارەت» ئۆگىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» نى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلارنى رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكەپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش تېخىمۇ كۆلەملەشكەن.
غۇلجا ناھىيەسىدىكى يىدوڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان «جوۋەن كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى» 2017-يىلى لاگېرلار بىلەن بىر مەزگىلدە قۇرۇلغان خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىسىدۇر. قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2018-يىلى بۇ شىركەتنىڭ پەلەي زاۋۇتىدا 200 دەك ئۇيغۇر، قازاق تۇتقۇنلار بىلەن ئىشلىگەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ زاۋۇتتا 3 ئايدەك ھەقسىز ئىشلىگەنلىكى، بۇ كارخانىلاردىكى ئىشچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان سابىق تۇتقۇنلار ياكى ئۇنىڭغا يانداش لاگېردىكى تۇتقۇنلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گۈلزىرەنىڭ تەكىتلىشىچە، جوۋەن شىركىتى گۈلزىرەگە 3 ئاي ياخشى ئىشلىسەڭ 600 يۈەن مائاش بېرىمىز، قانچە كوپ ئىشلىسەڭ شۇنچە جىق پۇل ئالىسەن، دەپ ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى 3 ئاي قاتتىق ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا پۇلمۇ بەرمىگەن. ھەتتا ئۇنى بۇ شىركەتتە ئۆزىنىڭ بىكارلىق ماھارەت ئۆگەنگەنلىكى ھەققىدىكى قەغەزگە قول قويۇشقا قىستاپ، قەغەزگە قول قويمىساڭ قايتا ئۆگىنىشكە بارىسەن، دەپ تەھدىت سالغان. گۈلزىرە ئاۋۇلقان شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە جوۋەن زاۋۇتىنىڭ لاگېر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر ئويلىسام يۈرىكىم يىغلايدۇ» دېگەنىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدىمۇ ئەمگەككە سېلىشى، بۇ داڭلىق ماركىلارنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشى ياكى كۆرمەسكە سېلىشى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر مەسىلىسى خەلقئارا مال تەمىنات زەنجىرىنىڭ ساپلىقىغا ئالاقىدار چوڭ خەلقئارا خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان. فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچى، ئاتاقلىق خىتايشۇناس مارىيە خولىزمان خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى «نورمال كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىدىن ھالقىغان قىلمىش» دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئۇنىڭ ئېھتىيات بىلەن پىلانلانغان، ئۇزۇن يىللار تەييارلىق قىلغان پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىرىنچى قەدەمدە لاگېرلارنى قۇرۇلدى، ئىككىنچى قەدەمدە كارخانىلارنى بەرپا قىلىندى. ئارقىدىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاندىن كارخانىلارغا يۆتكىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېھتىيات بىلەن پىلانلانغان ئوڭۇشلۇق پىلان بولۇپ، بۇ نورمال كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىدىن ھالقىغان قىلمىشتۇر».
بۇ جەرياندا بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، ئۇنىڭ خەلقئارا مال تەمىنات زەنجىرىدىكى سالمىقىغا دائىر دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئالما، نايكى، دەلل قاتارلىق دۇنيادىكى 83 داڭلىق ماركىنىڭ خىتايدىكى مال تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يۇقىرىقى دوكلات، خەۋەرلەر شۇنىڭدەك شاھىتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە ئالاقىدار ئىككى قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەر ئىككى قانۇن لايىھىسى بۇ يىل 9-ئايدا ماقۇللىنىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پەلۇسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» ئاۋازغا قويۇلغاندا سۆز قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سودا ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئۇ: «ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ ئىككى كۈچلۈك قانۇن لايىھىسى بېيجىڭ ۋە دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن كۆپ قېتىم تەكىتلەپ كەلگەندەك ئەگەر ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن سۆزلىمىسە، بىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلەشكە ئەخلاقىي ھوقۇقىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز» دېگەن.
نەنسى پەلۇسى يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئامېرىكا سودا سىياسىتى ۋە قىممەت قارىشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشىنىڭ ئامېرىكا سودا سىياسىتى ۋە قىممەت قارىشىغا بىۋاسىتە تەسىرى بار. تراگېدىيەلىك يېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى دائىم ئامېرىكىغا كېلىپ، بىزنىڭ دۇكان ۋە ئۆيلىرىمىزكە كىرىدۇ. ھالبۇكى، دۇنيا مىقياسىدا سېتىلغان ھەر بەش پاختا مەھسۇلاتىدىن بىرىنىنىڭ پاختىسى ياكى يىپى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان جوۋەن شىركىتى، خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى خىتاي چاچ زاۋۇتى، ئاقسۇدىكى خۇئافۇ كىيىم-كېچەك شىركىتىدەك خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى يېقىندا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى بىردەك چەكلىگەن.
ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇۋەققەت مىنىستىرى كېن كۇچىنەللى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ؛ «ئامېرىكا سودا ساھەسى ئۆزىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى چوقۇم كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىپ، ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا يول قويمايدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىز ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە ئىشلەش ھوقۇقىدا چىڭ تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقىشى، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى، مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنى ھىمايە قىلىشنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك» دېگەن.
خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكادىكى ئالما، نايكى، كولاكولا ۋە ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىدەك چوڭ شىركەت ھەم سودا گۇرۇھلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» گە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە دۇنيادىكى داڭلىق 83 ماركىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاز دېگەندە 27 زاۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەپ، خەلقئارا مال تەمىنات زەنجىرىنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى-ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوخشاش «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» چىقىرىپ، بۇ جەھەتتىكى قانۇنى جاۋابكارلىقنى كۈچەيتىش ئىكەن.