گۇما بازىرىدا ئاز دېگەندە 13 كىشى دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.09.29
ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر ۋە قامال ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي يۈرگۈزۈۋات كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، باستۇرۇش، قايتا تەربىيىلەش سىياسىتى ۋە خالىغانچە قامىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ يۈرگۈزگەن قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ، ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرى يۈز بەرمەكتە.
Photo: RFA

ئىجتىمائىي تاراقتۇلاردىكى بىر ئۇچۇردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر جايىدا نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزغا كەلگەن بىر ئىمزاسىز مەكتۇپتىمۇ خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ نەق مەيدان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خوتەننىڭ گۇما ناھىيە بازىرىدا بىر ئاھاىلەر كومىتېتىدىن 13 كىشىنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر ئۇچۇردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر جايىدا ئاھالىلەرنىڭ دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئالدىنقى كۈنى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستىمۇ خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە ئاھالىلەرنىڭ دېزىنفىكىسىيەدىن زھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خوتەندىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچۇر مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە خادىمى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە يۇقۇم خىزمىتى قۇماندانلىق مەركىزىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى، ئەمما بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، زەھەرلىنىشكە يۇقۇمغا قارشى دېزىنفىكسىيەنىڭ سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىنغان ۋە ۋەقەنىڭ گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇقۇم قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىر خادىمى، «خوتەندە دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگىنى راستمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «بۇنداق سوئاللارنى سورىماڭ» دەپ ئاچچىقلاندى. بىز ئۇنىڭدىن: «بۇ ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئۇچۇرلارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر مەركەزنىڭ يەنە بىر خادىمى، زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، دەسلەپتە بۇ توغرىلىق مەسئۇل خادىمدىن مەلۇمات سوراپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن، زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ گۇما ناھىيەسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز ئۇنىڭدىن ۋەقەنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ قايسى يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ خوتەن شەھەر ئىچىدىن ئىكەنلىكى، گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازارلىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

قولىمىزدىكى ئىنكاستا، مەزكۇر زەھەرلىنىشتە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ھۇشسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچار بولغانلىقى، يەنە كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ زەھەردىن جان ئۈزگەنلىكى قەيت قىلىنغان، ئەمما ئۆلگۈچىلەر ۋە بىمارلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. بىز يۇقۇم قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىمىدىن دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىشخانىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى ئېيتتى.

ئىنكاستا يەنە خوتەندە قامال باشلانغان 9 كۈندىن بۇيان ئايروپىلان ئارقىلىق دېزىنفىكسىيە دورىسى چېچىلىۋاتقانلىقى ۋە زەھەرلىنىشنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى يېزىلغان. بىز مەزكۇر خادىمدىن، زەھەرلىنىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە قولىدا رەسمىىي ئۇقتۇرۇش ياكى دوكلات بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرنەرسە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز خوتەن شەھەر ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىرىدىن خوتەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دېزىنفىكسىيەدىن خەۋىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ قامال باشلانغاندىن بۇيان ھاۋادا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئايروپىلانلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىز ئاخىرىدا قولىمىزدىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، گۇما ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئۆزى مەسئۇل 10 ئائىلە ئىچىدىن ئىبراھىم ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئاتىخان ئىسىملىك بىر ئايالمۇ زھەرلىنىشتىن جان ئۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە يەنە بىر ئائىلىدىن 5 كىشى جان ئۈزگەن. مەزكۇر ئونبېشى يەنە ئۆزى ياشاۋاتقان ئاھالىلەر كومېتىتىدىن جەمئىي 13 كىشىنىڭ بۇ ۋەقەدە جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ بۇ زەھەرلىنىشنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەت نېمە دەپ خۇلاسە چىقارسا شۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى، دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلىنىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، دېزىنفىكىسيەدە ئىشلىتىلگەن دورىنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولغان ئەھۋالدا زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قپويدى. ئۇ يەنە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئايروپلان بىلەن دورا چېچىش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

يوقىرىدا گۇما بازىرىدا دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.