خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «دۆلەت تىلى يەسلى مائارىپى» نىڭ 98 پىرسەنت ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا يەنە 2021-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەسلى قۇرۇلۇشىغا 400 مىليون مەبلەغ سېلىنىپ، «خەلق تۇرمۇشىغا ئاسانلىق يارىتىلغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زور تۇتقۇنى ۋە لاگېرلارغا قاماش ھەركىتىدە ئاتا-ئانىلىرى تۇتۇلۇپ كېتىلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتالمىش «پەرىشتىلەر يەسلىسى»، «پەرىشتىلەر مەكتىپى»، «ئۈمىد مەكتىپى» دېگەندەك چىرايلىق ناملار قويۇلغان بالىلار لاگېرىغا-ياتاقلىق يەسلى ۋە دارىلتاملارغا يىغىۋېلىنغانلىقى مەلۇم. بېكىك ھالدىكى بۇ ئاتالمىش «يەسلى» ۋە «مەكتەپ» لەرگە سولىۋېلىنغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىن مەھرۇم ھالدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكى بويىچە مېڭىسىنىڭ يۇيۇلۇپ، قايتىدىن پروگراممىلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ تېزلەشتۈرۈلۈشى،» ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىلا باشلىغان ئىكەن. ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
ئاسىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 80-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپللەردە «خىتاي تىلى» دەرسى تەسىس قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ 90-يىللاردىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان ياتاقلەىق «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئارقىلىق ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» شەكلىدە داۋاملاشقانلىقىنى؛ 2017-يىلىدىن بۇيانقى زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش جەريانىدا «دۆلەت تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا تېخىمۇ سىستېمىلىق ۋە ئاشقۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەڭ تېز ۋە ئاشقۇن شەكىلدىكى ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتا باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشلاپلا پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپىنى يولغا قويۇشى، ھەتتا 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان گۆدەكلەرنى خىتاي تىللىق ياتاقلىق يەسلىلەرگە مەھكۇم قىلىشى، ئۇلارنى ئاتا-ئانا مېھرى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئانا تىل مۇھىتىدىن تولۇق ئايرېۋېتىش، ئاندىن ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇرلۇقىنى يوقاتقان، خىتايلاشقان يېڭى بىر ئەۋلات قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە 30 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
قىلبىنۇر سىدىق خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ 2000-يىللاردىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ 2017-يىلىدىن كېيىن ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئاتالمىش «پەرىشتىلەر يەسلىسى»، «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك ئىشىكى سىرتقا تاقالغان دارىلتاملاردا خىتاي روھى بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ پسىخولوگىيەسىدە بىنورمال ئامىللارنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «دۆلەت تىلى مائارىپى» يېڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر بالىلىرىنى نورمال ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ھېس-تۇيغۇلاردىن ۋە ئەركىن تەپەككۇر مۇھىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلماقتىكەن.
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت كاترىگورىيەسىگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەن.